سىيىت تۈمتۈرك تۈركىيە باش مىنىستىرى بىلەن ئۇچراشتى

2009 ‏- يىلى 9 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك قەيسەرى شەھىرىدە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچراشتى.

0:00 / 0:00

باش مىنىستىر ئەردوغان قەيسەرى شەھىرىگە، 19 ‏- قېتىملىق دۇنيا ‏- ياۋروپا چېمپىيونلۇقىنى تالىشىش بويىچە تۈركىيە ‏- ئېستونىيە كاماندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوينىلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن بارغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىدە باش مىنىستىر ئەردوغان بىلەن ئۇچراشقان ۋە بىرگە ئىپتار قىلغان ئىپتار زىياپىتىدىن كېيىن ئۇلار سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى باش مىنىستىر ئەردوغانغا، ئۇنىڭ خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ، ۋەھشىيلىكنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنىڭ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرىنىڭ ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە خىتايغا قارشى ئوچۇق مەيدانغا چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا بولغانلىقىغا ئۇيغۇر خەلقى ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن شۇنىڭدەك تەشەككۈر ئېيتقان.

بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار باش مىنىستىرغا گۈل تەقدىم قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يەنە باش مىنىستىردىن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىدە ئوقۇش ئىشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە قانۇنلۇق تۇرۇش رۇخسەت كىنىشكىسى تەستىقلىنىشى شۇنىڭدەك تۈركىيە گىراجدانلىققا قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قانچە تۈرلۈك تەلەپلەرنى قىلىپ رەسمى ئىلتىماس سۇنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى ئۈچۈن يولغا چىققان بولۇپ، ئۇ ئىستانبۇل خەلقئارا ئايرودرومىدا ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.