0:00 / 0:00
سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ۋە 5 - ئىيۇل قەتلىئامىغا بولغان كۆز قارىشى ۋە مەيدانىنىڭ ھېچقاچان ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، شۇنداقلا، تۈركىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەر، ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ھەمدە تۇرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.