بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى يىرىكلەشتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا؛ بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان سىياسىتىدە خىتاينىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى 12-ۋە 13-نويابىر ھاۋاينىڭ پايتەختى ھونولۇلۇدا ئېچىلدى. بۇ يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم كۈن تەرتىپكە قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، تىنچ ئوكياندا ھالقىغان بىر ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشقا قارىتىلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەسلى ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى چۆرىدىگەن ئاساستا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا كېلىشىمى ھازىرلاش ياكى «ئاتلانتىك ئوكياننى ھالقىغان شېرىكچىلىك» ئورنىتىش پىكرى ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسىغا ئاساسەن ئوتتۇرىغا چىققان.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ خىلدىكى مەيدانىنى ھاۋايدا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا سودا قانۇنىغا بويسۇنۇپ ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئوباما مۇنداق دېدى: مېنىڭچە، خىتاي بىلەن سودا قىلىپ پايدا ئالالايمىز. ئەمما، بىز ئۇلارنى ھەممە ئادەم بويسۇنۇپ كېلىۋاتقان قائىدىلەرگە بويسۇنۇشقا قىستاشتا چىڭ تۇرىمىز. بىز ئۇلارنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ياكى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن ھايىنىغا پايدىلىنىشىغا يول قويمايمىز.
خىتاي ئوبامانىڭ بۇ سۆزلىرىگە دەرھال ئىنكاس قايتۇردى ۋە خىتاينىڭ پەقەت «ئۆزى قاتناشقان كېلىشىملەر ياكى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تۈزۈلگەن قائىدىلەرگىلا بويسۇنىدىغان» لىقىنى بىلدۈردى.
«ئاتلانتىك ئوكياننى ھالقىغان سودا شېرىكچىلىكى» ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ئاستىدىكى سودا شېرىكچىلىك گەۋدىسى بولۇپ، برۇنېي، چىلى، يېڭى زېللاندىيە، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن 2005-يىلى تەشكىللەنگەن.
باراك ئوباما ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن بۇ ھەمكارلىققا قاتنىشىش ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشنى ئۆز سودا سىياسىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.
نۆۋەتتە «ئاتلانتىكنى ھالقىغان سودا شېرىكچىلىكى» گە يەنە ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، پېرۇ، ۋيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر قوشۇلغان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كانادا، تەيۋەن ۋە مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەمكارلىققا كىرىش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.
ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى سودا ۋە ياكى باشقا شەكىلدىكى تەشكىلاتلارغا قاتنىشىشىدىكى سەۋەب نېمە؟
تۈركىيىدىكى ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشنى 2000-يىلى رەسمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.
ھالبۇكى، 2001-يىلدىكى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن، ئامېرىكا خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشقا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغاچقا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى چەكلەشكە چولىسى تەگمەي قالغان.
دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئوباما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، نەزىرىنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتا ئاغدۇرۇشقا باشلىغان.
ئوباما ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكا دىپلوماتلىرى ھەر خىل يىغىنلاردا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بىر قەدەر كۆپ تەكىتلەشكە باشلىغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ ھاۋايدىكى يىغىنىدا كۆزلىگەن نەتىجىگە ئېرىشكەن پرېزىدېنت ئوباما يەنە تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قارىتىلغان 9 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئاسىيادىكى زىيارىتى جەريانىدا ئامېرىكا ئاسىياغا كىرىش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى، ئەمما بۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
رويتېرستا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر ئانالىزدا كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن باشقا، ئوبامانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئەركىن سودا چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ھازىرچە خىتاينى قوشماسلىقى خىتاي رەھبەرلىرىنى خاپا قىلغان.
ئۇنداقتا خىتاي مەزكۇر رايوندا ئامېرىكا بىلەن يىرىكلىشىپ مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ ئامېرىكا بۇ نۆۋەت ھاسىل قىلىنغان ئەركىن سودا چەمبىرىكى نەتىجىگە ئېرىشەلەمدۇ، ئامېرىكا بۇ رايوندىكى تەسىرىنى مۇستەھكەملىيەلەيدۇ؟
خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكى ۋە باشقا تېررىتورىيە مەسىلىسىدە قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆكتەملىك قىلىشى شۇ رايوندىكى بەزى دۆلەتلەرنى ئامېرىكىغا يېقىنلىشىشقا مەجبۇرلىغان.
رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، سىنگاپور باش مىنىستىرى لى سېين لۇڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: ئۇلار بۇ يەردىكى تىنچلىقنى قوغداشقا ياردەم قىلىدۇ ھەمدە بىزمۇ ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىنى خالايمىز. ئەلۋەتتە ئامېرىكىمۇ ئاسىيادا چوڭ مەنپەئەت بارلىقىنى چۈشىنىدۇ.
بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان باش شتابى نيۇيوركقا جايلاشقان «ئاسىيا تەتقىقات جەمئىيىتى» دىكى سىمون تەي ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى مەزكۇر رايوندا بىر خىل تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇزۇن مەزگىللىك رېئاللىقتىن كۆرە يېقىنقى ۋەزىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئاسىيا ئەللىرى ئىچىدە خىتايغا نىسبەتەن ئەندىشە پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىتايغا قارشىلىق ھېسابلانمىسىمۇ، بىر ئەنسىرەش ئىدى. شۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئامېرىكا بۇ رايوندا تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىدۇ.
تۈركىيىدىكى ئاسىيا مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىنى يەنىلا كۈچەيتىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۆز دۆلەت بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىگەن خىتايغا قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئامېرىكىغا قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئاتلانتىكنى ھالقىغان سودا شېرىكچىلىكى» نىڭ پرىنسىپلىرى كېلەر يىلىدىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلىنىدىكەن.