دۇنيا سودا تەشكىلاتى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى سېرەك توپا دەۋاسى ئۈستىدە قايتىدىن ھۆكۈم چىقاردى. ھۆكۈمدە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنى غەلىبە قازاندى، خىتاينى مەغلۇپ بولدى دەپ جاكارلىدى. «نيورك تايمىس» گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۇنيا سودا تەشكىلاتى چىقارغان ھۆكۈمىدە خىتايغا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە بوي سۇنۇپ، سېرەك توپا ئېكسپورت قىلىشقا قويغان چەكلىمىنى ۋە ئېكسپورت بېجىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى بەلگىلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ بۇ ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى رون كىرك «پايتەخت تېغى» تور گېزىتىدە دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى. ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق ئەللەرنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ، يەرلىك گېزىتلەردە كەينى-كەينىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
ئۇچۇر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەر 2009-يىلى خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز يوللاپ، خىتاينى تېببىي-دورىگەرلىك سانائىتىدە، پولات سانائىتىدە، شۇنداقلا ھېسابلاش ماشىنىسىنىڭ يادروسى، تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، ئاپتوموبىل سەپلىمىلىرىنى ئىشلەشتىمۇ كەم بولسا بولمايدىغان سېرەك توپا (ئاز ئۇچرايدىغان مەدەن) ماتېرىياللىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا ھەرخىل چەكلىمە چىقىرىپ، خەلقئارادا ئالىي تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كاملاشقا ۋە باھاسى ئۆرلەپ كېتىشكە سەۋەبچى بولدى دەپ شىكايەت قىلغان ئىدى. شۇنداقلا، خىتاي باشقا دۆلەتلەر بىلەن دىگۋار تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، توساتتىن تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈۋالغانلىقى---دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى بولۇپلا قالماي، بەلكى چەتئەل شىركەتلىرىنى كەمسىتكەنلىكى، دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەينى ۋاقىتتا بۇ دېلونى تەكشۈرۈپ-ئېنىقلاپ ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، بىر مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىل قىلغان ئىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى بۇ گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن 2011-يىلى 7-ئايدا، خىتاينىڭ سېرەك توپا ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويغانلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ دەپ ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. خىتاي بۇ ھۆكۈمگە تەن بەرمەي، ئەرزگە قارشى شىكايەت يوللىدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتى تۈنۈگۈن قايتىدىن چىقارغان ھۆكۈمىدە يەنە، بۇرۇنقى ھۆكۈمنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى خىتاينىڭ ئەرزگە قارشى يوللىغان شىكايىتىدە، سېرەك توپا قېزىش مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ دەپ كۆرسەتكەن سەۋەبلىرىنىڭ ئىلمىيلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سېرەك توپا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن چىقىدۇ، ئەمما خىتاي ئۆزى سانائىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلەن سېرەك توپا دىگۋارى تۈزۈپ، دۇنيانىڭ سېرەك توپىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاي تەمىنلەشكە باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن س ن ن تېلېۋىزىيە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، «مالىيە گېزىتى» دىن نەقىل ئېلىپ، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بۇزغانلىقىنى، ھازىر يەنە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ چىقارغان ھۆكۈمىنى كۆزگە ئىلمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
«نيورك تايمىس» گېزىتى بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ خىتايغا سېرەك توپىنىڭ ئېكسپورت بېجىنى توختىتىش كېرەك دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ سودىدىكى غەلىبىسى دەپ كۆرسەتتى.
فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى، ب ب س قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ بۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىدە، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى شەرھلەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» سېرەك توپا دەۋاسىدا خىتاينىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلمىدى. ئەمما فرانسىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ سودا مىنىستىرلىقى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە ئەپسۇسلانغانلىقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھۆكۈمىنى قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرچە دۇنيا سودا تەشكىلاتنىڭ دېگىنى بويىچە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.