0:00 / 0:00
سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1947 - يىلى قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستىنى قۇرۇشنى ئويلاشقان بولسىمۇ بىراق، كېيىن بۇ پلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. نۆۋەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىتىگە ئائىت ئارخىپلار بىر - بىرلەپ ئاشكارىلانماقتا. 1947 - يىلى، 2 - ئايدا قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى جۈماباي شاياخمەتوف موسكۋاغا قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇپ، ئۇنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان.
يۇقىرىقى ئۇلىنىشتىن سىلەر مۇخبىرمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.