ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1927 - يىلىدىن 1949 - - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بارلىق ئىچكى ئۇرۇشلاردا غەلىبە قازىنىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، 1938 - يىلى ماۋ زېدۇڭ «مىلتىقتىن سىياسىي ھوقۇق چىقىدۇ» دېگەن سۆزنى ئېيتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ يەنە، شۇ سەۋەبتىن خەلقئارا مۇناسىۋەتتە تۈپتىن ئوخشىمىغان ئاساستىكى ئىككى دۆلەتنىڭ يۈزمۇ - يۈز تۇرۇپ زېمىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى تولىمۇ قېيىنغا چۇشىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى. خىتاي بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە،ھىندىستانغا سىياسىي،مەدەنىيەت جەھەتتىن ئۇزۇن يىللىق باغلىنىشى بولغان تىبەتنىڭ بارلىقىنى، 1954 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29 - كۈنى بېيجىڭ بىلەن دېلھى ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالانغاندا، تىبەت مەسىلىسىنى ئاساس قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئەسىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 1949 - يىلى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تىبەتتە «ئازادلىق» ئېلىپ بېرىش باھانىسى بىلەن تىبەتنى كونترول قىلىشقا باشلىغان. بۇ چاغدا ھىندىستان ئەسكەر چىقارماسلىققا كاپالەتلىك بەرگەن. 1950 - يىلى كورىيە ئۇرۇشىنىڭ كۆلەڭگۈسى پەيدا بولغاندا، بېيجىڭ تىبەتنى بىر قېتىمدىلا ئىگىلىۋېلىش نىيىتىدە بولماي، تىبەتلەر بىلەن «كېڭىشىش» نى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتايلارنىڭ كۈچلۈك، ئېغىر بېسىمى ئاستىدىكى دىپلوماتىيىسى ئالدىدا تىبەت ۋەكىلەر ئۆمىكى خىتاي بىلەن بولغان 17 ماددىلىق بېتىمگە 1951 - يىلى 5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىمزا قويغان. بۇنىڭ بىلەن خىتايلار تىبەتتە كۈچلۈك ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. خىتاينىڭ ئىنچىكە ھىلىسى بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا تىبەتنىڭ تەغدىرى بەلگىلىنىپ بولغان. كېلىشىملەردىكى مەزمۇنلارغا قارىغاندا، تىبەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە يەنى تىبەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىش، تىبەت جەمئىيىتىنى ئىقتىسادى ۋە دېموكراتىك جەمئىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، تىبەتلەرنىڭ پەيدىن - پەي خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قوبۇل قىلىشى قاتارلىق كېلىشىملەر تۈزۈلگەن.
مەزكۇر 17 بېتىمنىڭ كېيىنكى تەغدىرى ھەققىدە تۈركىيە ھاجى تەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
1956 - يىلىنىڭ بېشىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى تىبەتنىڭ شەرقىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىپ، قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇنىڭ بىلەن دالاي لاما 1956 - يىلى ھىندىستاننى زىيارەت قىلىش باھانىسى بىلەن ھىندىستانغا بارغان. دالاي لاما، ھىندىستاننى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشقا چاقىرغان. ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ھىندىستاندا سەرگەردان ھۆكۈمەت قۇرۇپ تۇرۇشنى ئۆتۈنگەن. بۇ ئارىدا ھىندىستاننىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، جۇ ئېنلەي بىلەن دالاي لاما دېلھىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. دالاي لاما بىلەن جۇ ئېنلەي ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمدىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىدىغان «دېموكراتىك ئىسلاھات»نى يەنە بەش يىل ئارقىغا سۈرۈشكە قوشۇلغان. دالاي لاما تىبەتكە قايتقان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي خەلقئارادىكى دىپلوماتىك يۈزىنى ساقلاپ قالغان.
ئاپتور ئەسىرىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتتە ئېلىپ بارغان سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق بايان قىلىدۇ:
«1959 - يىلى 3 - ئايدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى لخاسادا كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. 3 - ئايىڭ 12 - كۈنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 17 بېتىم ۋە تىبەت مۇستەقىلىقىنى ئەيىبلىدى.»
ئاپتور تىبەتنىڭ روھانىي داھىسى دالاي لامانىڭ ھىندىستاندا پاناھلىق تىلەش جەريانىدىكى سىياسىي ئويۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تۆۋەندىكى بايانلىرى ئارقىلىق تولۇق يورۇتۇپ بەرگەن:
«1959 - يىلى 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى دالاي لاما ھىندىستان باش مىنىسىتىرى نېھرۇغا خەت يېزىپ ئۆز دۆلىتىدە يۈز بەرگەن سىياسىي كرىزىس سەۋەبىدىن ھىندىستاندا پاناھلىنىش تەلىپىنى بىلدۈرگەن. 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، نېھرۇ دالاي لامانىڭ خېتىنى تاپشۇرۋېلىپ،دالاي لامانىڭ قانداق ۋاقتىدا ھىندىستانغا كەلسە قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چۈنكى، سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خىروشىف موسكۋادىكى ھىندىستان باش ئەلچىسى مېنونغا ھىندىستاننىڭ دالاي لامانى قوبۇل قىلىشىنى تاپشۇرغان ئىدى. دالاي لاما ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئۇلار بىلەن ناھايىتى تۆۋەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتتە بولدى. سەۋەبىي ھىندىستان، خىتاي مۇناسىۋەتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىدى.
ئاپتور ئەسىرىدە تىبەت مەسىلىسىنى ئاساسىي تىما قىلىش ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر قولىدا تىبەت مەسىلىسىنى ۋە يەنە بىر قولىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ خىتايغا ھەيۋە كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن. بۇ نۇقتىنى بىز ئاپتورنىڭ تۆۋەندىكى بايانلىرىدىن كۆرەلەيمىز.
«1959 - يىلى ئۆكتەبىردە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سۆۋېت ئىتتىپاقى خىروشىف ۋەكىللىكىدىكى ئۆمەك 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى بېيجىڭدا دۆلەت مۇراسىمىغا قاتناشتى، ئەمما بېيجىڭ خىروشىف باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنى تازا قىزغىن قارشى ئېلىپ كەتمىدى. سەۋەبى خىروشىفنىڭ دالاي لاما مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى، ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىغا قىلغان زىيارىتى، بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئېزىنخاۋىر بىلەن سوغۇق ئۇرۇشلار دەۋرىدىكى تەنقىدى مەسىلىلەرنى قايتا تىلغا ئېلىشى ۋە مۇزاكىرىلىشىشىدىن بولغان.»