سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ' شەرق ھەقىقىتى' ژۇرنىلى

1942 - يىلى شېڭ شىسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى ۋە شىڭ شىسەي ھەم گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە زەربە بەرمەكچى بولغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ستالىن بۇ مەقسەت بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، 1943 - يىلى تاشكەنتتە " شەرق ھەقىقىتى" ژۇرنىلى نەشىر قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا مەخپىي كىرگۈزدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تاكى 1959 - يىلىغىچە تۈرلۈك ژۇرنال ۋە كىتابلارنى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزگەن ئىدى.

ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن قانداق پايدىلانغانلىقى ھەققىدە توختالغان بولساق، بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا قازاقىستاندا ياشاۋاتقان سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى، يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى بىلەن "شەرق ھەقىقىتى ژۇرنىلى" غا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ سۆھبەت خاتىرىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.