سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللا 2012-يىللىق خەلقئارا سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان 5-ئىيۇل تۇتقۇنلىرىدىن گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللا، 2012-يىللىق خەلقئارا سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.12.20
muhemmed-abdulla-gulmire-imin-305.jpg 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن(سولدا) ۋە مەمەتجان ئابدۇللا.
CCTV

مەركىزى نيۇيوركقا جايلاشقان دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ نامى ھەللمان-ھاممەتت بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىككى ئۇيغۇر مەھبۇسقا بېرىلىشى، مەھبۇسلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى سۆيۈندۈردى. بۇ ھەقتە رادىئومىزغا پىكىر بايان قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا «بۇ يالغۇز گۈلمىرە بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللاغا بېرىلگەنلا مۇكاپات ئەمەس، ئەركىنلىكى ئۈچۈن توختاۋسىز كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىگە بېرىلگەن مۇكاپات» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى

1989-يىلىدىن باشلاپ تارقىتىلىۋاتقان خەلقئارالىق سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتى، بۇ يىل 19 دۆلەتتىكى 41 كىشىگە بېرىلگەن. ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلاردىن گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللامۇ مەزكۇر مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
RFA/Shohret Hoshur

گۈلمىرە ئىمىن 2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن كىشىلەرنى قانۇنسىز نامايىشقا ئۇيۇشتۇرۇش گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. مۇھەممەتجان ئابدۇللا بولسا، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىق گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان. ھەر ئىككىسى 2010-يىلى 4-ئايدا خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئەسلىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 30 مىڭ نوپۇسلۇق بىر ئاھالىلەر رايونىنىڭ باشلىقى بولغان گۈلمىرە ئىمىن، سەلكىن تور بېتىنىڭ ئىشتىن سىرت تەھرىرىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
RFA/Shohret Hoshur

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە،، ئۇ ئەخمەت تۇرسۇن، مۇختەر ۋە گۈلنىسا ئەمەت قاتارلىق قەلەمداش ۋە سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە 5-ئىيۇل نامايىشىنى پىلانلىغان. مۇھەممەتجان ئابدۇللا بولسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ شاۋگۈەن ۋەقەسىگە قارشى نامايىش چاقىرىقىنى، بىر خىتاي تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىپ سەلكىن تورىغا يوللىغان. مەزكۇر ئىككى مەھبۇسنىڭ تۈرمىدە يېتىشىغا سەۋەب بولغان يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر، خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن ئىنتايىن نورمال ۋە ھەققانىي ھەرىكەت دەپ قارىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەن.

گۈلمىرە ئىمىن ۋە مۇھەممەتجان ئابدۇللا قاتارلىقلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3 يىلدىن بېرى ھەر خىل يوللار ئارقىلىق دۇنياغا چۈشەندۈرۈپ كەلگەن. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ مەزكۇر مۇكاپات خەۋىرىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
-مۇكاپات خەۋىرىدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇق، چۈنكى بۇ يالغۇز، گۈلمىرە ئىمىن بىلەن مۇھەممەتجان ئابدۇللاغا بېرىلىۋاتقان مۇكاپات ئەمەس، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلار شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە قىلىۋاتقان بارلىق ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپات.

دولقۇن ئەيسا مەزكۇر مۇكاپاتنى يەنە، خىتاينىڭ 3 يېرىم يىلدىن بۇيان 5-ئىيۇل ۋەقەسىنى قارىلاپ ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىنىڭمۇ مەغلۇبىيىتى دەپ كۆرسەتتى. ئۇ دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇسلۇق تەشكىلاتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇكاپات ئارقىلىق بېرىلىۋاتقان سىگنال ھەققىدە مۇنداق دېدى:
-ئېنىقكى، مەزكۇر تەشكىلات بۇ مۇكاپات ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارغا، سىياسىي پائالىيەتچىلەرگە «سىلەرنىڭ كۈرىشىڭلار ھەققانىي بىر كۈرەش، بۇ كۈرەش يولىدا سىلەر يالغۇز ئەمەس» دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئىجابىي سىگناللار، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى مىللىي ھەرىكىتىمىزگە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچ ۋە ئىلھام بېغىشلايدۇ.

بۇ يىللىق سۆز ئەركىنلىكى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا، ئىككى نەپەر ئۇيغۇردىن باشقا يەنە 4 نەپەر تىبەتلىك، بىر نەپەر موڭغۇل ۋە 5 نەپەر خىتاي يازغۇچىمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىلىرىگە قارىماستىن، ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىرلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازالانغانلار، خەلق ئىچىدە يۈكسەك ھۆرمەتكە ئېرىشكەنلەر. دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مۇكاپات ھەققىدىكى باياناتىدا، بۇ يىل سۆز ئەركىنلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ چارەك قىسمىنىڭ خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر جازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.