مېتىن ئۆزكان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىزمەت تۈرلىرى ۋە ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەيئىتىمۇ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شۇنداقلا مائارىپ جەمئىيەتنىڭ تۈركىيىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىش - پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات بەردى ھەمدە بۇندىن كېيىن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
بىز ۋالىيلىق تارمىقىدىكى "تۈرك دۇنياسى تۇغقانلىق ۋە قېرىنداشلىق ھەمكارلىقى " باشلىقى مېتىن ئۆزكان ئەپەندى بىلەن ئىش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
سوئال: ھۆرمەتلىك مېتىن ئۆزكان ئەپەندى، ۋالىيلىق تارمىقىدىكى تۈرك دۇنياسى ئەقىرىبا ۋە قېرىنداشلىق ھەمكارلىقى ئىدارىسى نېمە مەقسەتتە ۋە قايسى تۈردە خىزمەت قىلىدۇ؟
جاۋاب : مەن ئالدى بىلەن مېنى زىيارەت قىلغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر ئېيتىمەن. بىز ئىستانبۇل ۋالىيلىقى باشقۇرۇشىدىكى تۈرك دۇنياسى ئەقىرىبا ۋە قېرىنداشلىق ھەمكارلىقى ئىدارىسى تۈركىي سىستېمىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ خىزمەت قىلىمىز. بۇ مەقسەت بىلەن تۈرك دۇنياسىغا نىسبەتەن كەڭ تۈردە خىزمەت قىلىۋاتىمىز. باشقا دۆلەتلەردىن كېلىپ، تۈركىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بۇ يەردە ئاممىۋى تەشكىلات قۇرغان ۋە بۇ يەردە ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشقان، كېيىن ئۆزلىرى كەلگەن رايونلاردىكى مەدەنىيەتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇ رايونلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىمىز.
بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ يەنە بىر تۈرى قېرىنداش ئۆلكىلەردىن تۈركىيىگە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش شارائىت ھازىرلاش بولۇپ، تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن 6000 ئوقۇغۇچىغا مەسئۇل بولۇپ ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىۋاتىمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا باشقا دۆلەتلەردىكى تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداش دۆلەتلەردىن كېلىپ بۇ يەردە ئاممىۋى تەشكىلات قۇرۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ھەمكارلىشىپ، ئۇلارنىڭ مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىپ خىزمەت قىلىۋاتىمىز. چۈنكى بۇ يەردىكى قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرسە ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ مەدەنىيىتى ساقلىنىپ قالىدۇ.
سوئال: سىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن قايسى تۈردە خىزمەت قىلىۋاتسىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار تۈركىيە سىرتىدا بىر خىزمىتىمىز يوق ئامما ئاساسى خىزمەتلىرىمىز تۈركىيەگە كېلىپ بۇ يەردە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز، 15 مىليون خەلق ياشاۋاتقان ئىستانبۇل شەھرىدە ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى لازىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. ئىقامەت ۋە تۈركىيە نوپۇسىغا ئۆتۈش ئىشلىرىدا ياردەمدە بولۇۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا 30 مىليوندىن ئارتۇق مىللىي قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈنلا جازالىنىۋاتقانلىقىنى ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭغا ئىنتايىن قايغۇرىمىز. بىز تۈركلەر دۇنيانىڭ ئەڭ بەخىتلىك بەزى زامانلاردا ناھايىتى بەختسىز ئىنسانلىرى بىز. چۈنكى بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز ناھايىتى كەڭ بىر جۇغراپىيىگە تۇتاشقان. بىز تۈركلەر بەزى دۆلەتلەردە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى خالىمايدىغان مىللەتلەر بىلەن ياشاشقا مەجبۇر بولدۇق. ئەمما بىز قۇرغان دۆلەتلەردە باشقا مىللەتلەر بىلەن بىرگە ياشاپ ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ ياشاپ كەلگەن بىر مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى يوق ئېتىشتىن ئىبارەت جىنايەت سادىر قىلغان دۆلەتلەرنى كۆرۈپ قاتتىق قايغۇرىۋاتىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.
بىز يەنە بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتور ئالىمجان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.