بىشكەكتە ستالىن قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىغانلار خاتىرىلەندى

قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەكتە 1937 - يىلى ستالىننىڭ تازىلاش سىياسىتى نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان قىرغىز، ئۇيغۇر، رۇس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلىرى بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

0:00 / 0:00

1991 - يىلى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپ، كۆمۈۋېتىلگەن 138 ئادەمنىڭ جەسىتىنى تاپقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 36 نەچچە نەپەر ئۇيغۇر بار ئىدى.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇلار ئۈچۈن " ئاتا بۈيۈك" قەبرىستانلىقى تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ئېچىۋەتكەن. يېقىندا بىشكەكتىكى ئۇيغۇرلار بۇ قەبرىستانلىقنى زىيارەت قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.