ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا دەۋرىدە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى، ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە خانىۋەيران بولغانلىقى ئەسلەندى. يېقىندا بولسا، ئۇكرائىنىيە ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئۇنى سوتلاش پىكرىنى مەيدانغا چىقاردى. بىراق، بۇ كۈنلەردە يەنە نۇرغۇن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ستالىن دەۋرىنى ئەسلەۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولدى.
رۇسىيىنىڭ " نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13 - يانۋار كۈنى ئۇكرائىنىيە ئەرزىيەت سوتى 1932 - 1933 - يىلىدىكى ئاچارچىلىق دېلوسىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىرىدىن ستالىن، مولوتوۋ، كاگانوۋىچ ھەمدە ئۇكرائىنىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بولۇپ، يەتتە ئادەمنىڭ جىنايىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا "ئۇكرائىن خەلقىگە مىللىي قىرغىنچىلىق قىلدى" دېگەن جىنايەتنى بېكىتى.
ئارقىدىنلا ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتىق دېڭىزى بويىدىكى دۆلەتلەرنى ھەمدە رۇسىيە ۋە گرۇزىيە قاتارلىق ئىلگىرى كوممۇنىست تۈزۈمى ئاستىدا ياشىغان دۆلەتلەرنى كوممۇنىزمنىڭ جىنايەتلىرىنى بىرلىكتە سوتلاش ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشكە چاقىردى.
بىراق، ئۇكرائىنىيىنىڭ ستالىن قاتارلىق سابىق سوۋېت كوممۇنىست رەھبەرلىرىنى سوتلاپ، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنى تۇرغۇزۇشى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە دۇماسىنىڭ باشلىقى بورىس گلىزنوف، كىيېۋ ئەرزىيەت سوتىنىڭ "1930 - يىللاردا ئۇكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنى 'ئۇكرائىنىيە خەلقىغە قارىتىلغان مىللىي قىرغىنچىلىق'، دەپ ئېتىراپ قىلىشى، رۇسىيە بىلەن جېدەللىشىش پىلانىنىڭ بىر قىسىمى،" دەپ كۆرسەتكەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، "ستالىن نەپرەت ۋە سېغىنىش ھېسسىياتىنىڭ توقۇنۇشى" ماۋزۇلۇق چاتما پروگراممىنىڭ باش قىسىمىنى ئاڭلايسىلەر.
