
30 -ئۆكتەبىر كۈنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن يۈرگۈزگەن كەڭ كۆلەملىك تازىلاش-تەقىپلەش ھەرىكىتىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدە ستالىننىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.
30-ئۆكتەبىر كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن موسكۋا يېنىدىكى بۇتوۋا دېگەن جايغا بېرىپ، 1938-1937- يىللىرى بۇتوۋا جازالاش ئورنىدا ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۈچۈن ئورنىتىلغان خاتىرە كىرىستىغا گۈل چەمبىرەك قويدى ھەمدە نۇتۇق سۆزلەپ، ستالىن رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ ۋەھشىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى. پۇتىن سۆزىدە "ستالىننىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان ئادەملەر ئىدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن قورقمىغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رۇس دۆلىتى ۋە مىللىتىنىڭ جەۋھەرلىرى ۋە گۈللىرى ئىدى،" دەپ تەكىتلىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەممە خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ تەقىپلەشلىرىگە ئۇچرىغان.
ستالىننىڭ تەقىپلەش ھەرىكىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە يۈز بەرگەن
ستالىن 1925-يىلى، لېنىن ئۆلگەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ھوقۇقىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا 10 ئون نەچچە يىل ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدا بىر قاتار ئىقتىسادىي-ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى شۇنىڭدەك شەخسكە سېغىنىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە ئۆزىگە ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىگە نارازى بولغان ۋە ياكى قارشى پىكىر قىلغان ھەر قانداق ئادەمنى قاتتىق جازالىدى. ئۇ، 1934-يىلىدىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان يۇقىرى دەرىجىلىك كوممۇنىست رەھبەرلىرىنى تازىلاش تەييارلىقى ھەم ھەرىكەتلىرىنى باشلىدى. 1937-يىلى 8-ئايدا ئىچكى سوۋېت ئىشلار كومىسسارلىقى 00447 -نومۇرلۇق ۋە كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 863-نومۇرلۇق مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خەلق دۈشمەنلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلىدى.
رۇسىيىنىڭ "نەۋسرۇ. كوم" ئۇچۇر تورىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1937-1938-يىللىرى بىر مىليون 300 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم " خەلق دۈشمىنى"، "ئەكسىلئىنقىلابچى" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپ قىسىمى ئېتىلغان، قالغانلىرى سىبىرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى "گۇلاخ" دەپ ئاتالغان ئەمگەك لاگىرلىرىغا ھەيدەلگەن ۋە تۈرمىلەردە تۇتۇلغان. "گۇلاخ" دەپ ئاتالغان ئەمگەك لاگىرلىرىغا ھەيدەلگەنلەر تاكى 1954-يىلىغىچە شۇ يەردە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىراق، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى "گولاخلار"دا ئۆلۈپ تۈگىگەن. يەنە بەزى سانلىق مەلۇماتلاردا ستالىننىڭ تەقىپلىشىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىنىڭ ئۈچ مىليون، ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپ بولۇشىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ھازىر رۇسىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرى ۋە جۇمھۇرىيەتلىرى شۇنىڭدەك يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەر 1937-1938-يىللىرىدىكى ستالىننىڭ تەقىپلىشىنىڭ قۇربانلىرى ھەققىدە مەخسۇس "ماتەم كىتابلىرى" نى تەييارلىماقتا، بۇلارنىڭ بەزىلىرى نەچچە قىسىملارغا بۆلۈپ، نەشىر قىلىنماقتا، بۇ كىتابلارغا بارلىق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ تىزىملىكى كىرگۈزۈلگەن.
ئۇيغۇرلارمۇ ستالىننىڭ قۇربانلىرى
ستالىننىڭ 1937-1938-يىللىرىدىكى تازىلاش ھەرىكەتلىرىدە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھۆكۈمەت، پارتىيە ۋە جامائەت ھەم مەدەنىيەت ئەربابلىرى بىردەك ھالدا ستالىننىڭ زەربە بېرىش ئوبيېكتى بولدى.
قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، مەزكۇر مەسىلىلەر بويىچە كۆپ ئىزدىنىپ، بىر قانچە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى رابىك ئىسمايىلوپ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەشۇ دەۋردە يېتىشىپ چىققان ئەڭ ئىلغار كىشىلىرى ستالىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىنچى پروفېسسورى بۇرھان قاسىموف، بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى تۈزگەن ئابدۇلھەي مۇھەممەدى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نامايەندىلەر.
ستالىننىڭ تەقىپلەش سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۆزبېكىستاندىكى 500 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر مەجبۇرىي تۈردە ئۆزىنىڭ مىللىتىنى ئۆزبېككە ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، دراما تىياتىرى، نەشىرىيات ئورۇنلىرى ۋە باشقىلار بىردەك تاقالدى ھەتتا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىمۇ تاقىلىپ، پەقەت 1947-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن ئېچىلىشقا باشلىدى.
ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى
بۇ يىل 31-ئۆكتەبىر كۈنى يەتتە سۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن بىرى، 1919-1937-يىللىرىدا يەتتە سۇ ۋىلايىتى، تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق سوۋېت كوممۇنىستلىرى تەشكىل قىلغان ھۆكۈمەت بىرلىكلىرىدە يۇقىرى ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن ئابدۇللا روزىباقىيېف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىدۇر.
دوكتور رابىك ئىسمايىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف قاتارلىقلار ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرى خىزمەت ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان.
1921-يىلىدىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيى ئەنە شۇ ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. لېكىن، 1937-1938-يىلى، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمايىل تاھىروف، مۇزەپپەر يارۇللابېكوف، ئەلىيېف، قۇربانوف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەر خىل ئالىي ۋەزىپىلەرنى ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي خىزمەتلەرنى ئۆتىگەن يۈزلىگەن ئۇيغۇر كوممۇنىست كادىرلىرىمۇ ئۆلتۈرۈلدى.
1938-1937-يىللىرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئەلىك يىللار ئىدى
تارىخنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك يېرى شۇكى، 1937-1938-يىللىرى ستالىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، مىللەتپەرۋەرلىرى ھەتتا سوۋېت ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئاكتىپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىنى رەھىمسىزلەرچە تازىلاۋاتقاندا، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى ئارقىلىق ئۆزى بىلەن ئىتتىپاقلاشقان ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، زىيالىيلىرى ھەم باشقىلار ئۈستىدىن دەھشەتلىك تازىلاش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خوجا نىياز ھاجىم باشلىق شېڭ بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، سابىت داموللام قاتارلىقلارنى تۇتۇپ، ئۈرۈمچىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشقا قاتناشقان ئۇيغۇر رەھبەرلىرى شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئۆلدى.
1937-يىلى، گېنېرال ماھمۇت مۇھىتى قوشۇنىنى تاشلاپ، ھىندىستانغا كەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىغا ئاتلانغان ئابدۇنىياز بەگ رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، شېڭشىسەي پۈتۈن ئۆلكە بويىچە تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان ئىدى. ئەنە شۇ تۇتقۇندا خوجا نىياز ھاجىم ئالدى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.
1938-1937-يىللىرى، چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پاجىئەلىك يىللار بولۇپ، چېگرىنىڭ ھەر ئىككىلا تەرىپىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ ياراملىق پەرزەنتلىرى، ئالىملىرى، مەدەنىيەت -مائارىپ ھەم جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيونلىرى، پىداكار باتۇرلىرى، ھەقىقىي دىنىي ئۆلىمالىرى، قىسقىسى، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر ئەۋلادى جاللاتلارنىڭ قولىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. رابىك ئىسمايىلوف ھەر ئىككىلا تەرەپتىكى تەقىپلەشلەر ۋە ئۆلتۈرۈشلەرنىڭ باش جاللىتىنىڭ يەنىلا شۇ ستالىن ئىكەنلىكىنى ئەسلەتتى.(ئۈمىدۋار)