كىسنگېر: خىتايغا شىنجاڭنى مۇستەملىكە قىلىپ بېرىش-ستالىنىڭ تۆھپىسىدۇر

ياپونىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىكا گۆشى، ناكاگاۋا قاتارلىق بەش نەپەر كىشىنىڭ تەرجىمە ۋە تەھرىرلىكىدە تۈزۈلگەن «كىسنگېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئەسلىمە ۋە خاتىرىلەر» ناملىق ئىككى قىسىملىق چوڭ ھەجىملىك ھۆججەتلىك تەرجىمە كىتاب، ياپونىيە ئىۋانامى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

0:00 / 0:00

مەزكۇر كىتاب، سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسنگېرنىڭ خىتايغا قىلغان كۆپ قېتىملىق زىيارىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن يازغان خاتىرىلىرىدۇر. كىتابقا كىسنگېرنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭدىن تارتىپ تاكى جياڭ زېمىنغىچە بولغان خىتاي دۆلەت رەئىسلىرى، خىتاي باش مىنىستىرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. ئىككى قىسىملىق كىتاب 604 بەتتىن تەركىب تاپقان. كىسنگېر خىتاي دۆلەت رەئىسلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىگە يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ستالىن، خىروشىف قاتارلىقلارنىڭ ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرىنىمۇ پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە قوشۇمچە قىلىپ بەرگەن.

كىتابتا 1958-يىلى بېيجىڭدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خروشىف بىلەن ماۋ زېدۇڭنىڭ ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى قىسقىچە بېرىلگەن. ماۋ زېدۇڭ بىلەن خروشىفنىڭ سۆھبەت خاتىرىسىدە،ئىلگىرى جياڭ جېشى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىمزالانغان «جۇڭگو -سوۋېت شەرتنامىسى»گە ئائىت ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

1945-يىلىدىكى خىتاي بىلەن سوۋېت ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو-سۆۋېت شەرتنامىسى» توغرىسىدا تۈركىيە ھاجى تېپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن قىسقىچە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

كىتابنىڭ 180-بېتىدىن 182-بېتىگىچە، ماۋزېدۇڭ بىلەن خروشىف ئارىسىدىكى سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇر مۇنداق شەكىلدە بايان قىلىنغان:

سۆھبەت 1958-يىلى، بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلدى.

ماۋ زېدۇڭ: بىزنىڭ ئىنقىلابىمىزنىڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، ستالىن گۇمانلاندى. بەلكىم بۇ ئۇنىڭ خاراكتېرىدۇر. ئۇ جۇڭگونى باشقا بىر يۇگوسلاۋىيە دەپ ئىشىنىپ قالغان ئوخشايدۇ.

خروشىف: ھە، بەلكىم شۇنداق دەپ ئويلاشقا بولىدۇ.

ماۋ زېدۇڭ: مەن 1949-يىلى موسكۋاغا بارغان چېغىمدا،ستالىن بىز بىلەن دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ۋە شۇنداقلا ئىلگىرىكى گومىنداڭ بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلەرنى بىكار قىلىشنى خالىمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن تەرجىمان نىكولاي فېدورېنكو، ئالاھىدە ۋەكىلى ئىۋان كوۋالېفلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ، مېنى بۇ دۆلەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشقا ئېلىپ ماڭغاندا، مەن ئەتراپقا قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ بۇ يەردە ئۈچلا ۋەزىپەم بار: يېيىش، ئۇخلاش، چېچىش. مەن موسكۋاغا پەقەتلا ستالىننىڭ تۇغۇلغان كۈنى خاتىرىسىگىلا كەلمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەگەر سىلەر دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈشنى خالىمىساڭلار، مەن يۇقىرىدا دېگەن ئۈچ ۋەزىپەم بىلەن قانائەتلىنىمەن.

ماۋزېدۇڭ بىلەن خروشىفنىڭ يۇقىرىقى سۆھبىتىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىسنگېر تۆۋەندىكى قىسقىچە سىياسىي تەھلىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان:
«ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە يىڭنە سانجىشلار تارىخنىڭ نېرىسىدا قېلىپ، ھازىرقى مۇنازىرىگە ئايلاندى. خروشىف ماۋ زېدۇڭدىن ئەگەر جۇڭگو ھەقىقەتەن سۆۋېتلەرنى قىزىل جاھانگىر دەپ ئويلىسا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن شەرتنامىلەرگە قاراپ، مۇشۇ ئاچچىقلىنىشىدا ماۋزېدۇڭ ئۆزى ئويلاپ بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرەر. مەيلى قىزىل جاھانگىر بولسۇن، مەيلى ئاق جاھانگىر بولسۇن، ھېچقىسى يوق، بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئادەم بار. يەنى ستالىن ئىسىملىك، ئۇ لۇشۈن پورتىنى ئېلىپ، ئاتالمىش شىنجاڭنى ۋە مانجۇرىيىنى مۇستەملىكە قىلىپ بەرگەن. تۆت شىركەت قۇرغان. بۇ پۈتۈنلەي ستالىننىڭ تۆھپىسىدۇر.»