كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى نەتىجىلىك بولدىمۇ؟

كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىن، مۇتەخەسسىسلەر، زىيارىتىنىڭ سىياسىي، سودا ۋە كىشىلىك ھوقۇق جەھەتلەردىن نەتىجىلىك بولغان-بولمىغانلىقى ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بارماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامىل تۇرسۇن
2012.02.21
stefen-xarper-stephen-harper-wen-jyabaw-305.jpg كانادا باش مىنىستىرى ستېفېن خارپېر خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشتى. 2012-يىلى 8-فېۋرال، بېيجىڭ.
AFP

مۇتەخەسسىسلەر خىتاي بىلەن سودا ۋە باشقا كېلىشىملەرنى تۈزۈش جەھەتلەردە، ستېفېن خارپېرنىڭ زىيارىتىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىدا ھەمپىكىر. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش شەكلى جەھەتلەردە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا.

ستېپھېن خارپېر بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە، خىتاي تەرەپ بىلەن ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، 7 مۇھىم مەسىلىدە سۆزلەشكەن بولۇپ، بۇنىڭ 3-سى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدۇر. كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تەركىبىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسىمۇ يەر ئالغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق كانادا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى دېيىلگەنىدى.

ستېپھېن خارپېر بېيجىڭدا، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان يېپىق سۆھبەتلەردە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى كانادانىڭ ئەندىشىلىرىنى ۋە ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، گۇاڭجۇ شەھىرىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاممىۋى سورۇندا ئاشكارا تىلغا ئالغان ۋە سودا شېرىكى بولغان خىتاي دۆلىتىنى كىشىلىك ھوقۇققا، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ سۆز-مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغانىدى.

«يەرشارى پوچتىسى» گېزىتى ستېفېن خارپېرنىڭ بېيجىڭدىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا، خىتاي ئۈچۈن نازۇك بولغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ:
‏-خىتاينىڭ سىياسىي مەركىزى بولغان بېيجىڭدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىغان خارپېر، گۇاڭجۇدا بۇ مەسىلىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويالىدى» دەپ يازدى.

«يەرشارى پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سابىق مۇخبىرى خۇاڭ مېڭجەن ك ب ك تېلېۋىزىيىسىدىكى مۇنازىرىدە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ كانادا رەھبىرى ستېفېن خارپېرنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭغا خىتاينى كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك سايلاملارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۈندىمىدىڭ دېگەندەك تەلەپلەردە بولۇش خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلمىگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ:
‏-بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى كوممۇنىست خىتاينى، نۆۋەتتە كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىش مەنچە ئوشۇقچە بىر تەلەپ. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغىنى يوق. دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ماقالىلەرنى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان زاتلار، 9-10 يىلدىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتىدۇ، سۇنى سىڭگەن يەرگە چېچىش كېرەك،‏-دەيدۇ.

ئالبېرتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى پروفېسسورى جاڭ ۋېنرەن كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بىلەن سودىنىڭ مۇناسىۋىتىدە، ئىزچىللىققا ئىگە بولغان خىتاي سىياسىتىدىن يوقسۇن ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن دەسلەپكى ئۈچ يىلدا، ستېفېن خارپېرنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا سورۇنلاردا قاتتىق تەنقىد قىلغانلىقىنى،ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ يولدىن قايتقانلىقىنى، يەنى بۇ مەسىلىدە بىردە قىزىپ، بىردە سوۋۇش ۋەزىيىتىنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش بولسا، ستېفېن خارپېرنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نەتىجىلىك دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلگىرى لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتىدە مالىيە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان جوھن مانلېي، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك تەنقىدلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسىدە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سالماق مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يۈزىنى داپتەك قىلىۋېلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ زىيارەتتىن ئىلگىرى، كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ستېفېن خارپېرغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، خىتاي تۈرمىسىدىكى ليۇ شاۋبو ۋە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىل قاتارلىق خىتاي، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەردىن بولۇپ 10 نەچچە نەپەر سىياسىي جىنايەتچىنىڭ تىزىملىكىنى تاپشۇرغانىدى. كانادا مەتبۇئاتلىرى ستېفېن خارپېر بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقاندا، قولىدا بىر تىزىملىك بار ئىدى، قايتقاندا بولسا قۇرۇق قول قايتتى،ئەمما ئىككى دانە مۈشۈك ئېيىقى ئەكېلىشنى ھېچ ئۇنتۇمىدى دەپ يازدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا، خارپېرنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى زادىلا تىلغا ئالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.