كانادادا ئىشەنمەسلىك لايىھىسى بىلەن ستېپېن خارپېر ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن قالدى

جۈمە كۈنى كانادا پارلامېنتىدا ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىش نەتىجىسىدە ستېپېن خارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى.

0:00 / 0:00

بۇ ھۆكۈمەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئاشكارا تەنقىد قىلىش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، باش مىنىستىر ستېپېن خارپېر كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇيغۇر سىياسىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى پارلامېنتتا قوبۇل قىلغان ئىدى.

كانادا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك تەكلىپ لايىھىسىگە، ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە،7 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ستېپېن خارپېر رەھبەرلىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلدى. بۇ تەكلىپ لايىھىسى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە-لىبېرال پارتىيىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، پارلامېنتتىكى باشقا ئۆكتىچى پارتىيە-يەنى، يېڭى دېموكراتلار بىلەن كۇيبېك گۇرۇھى پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىللىق خام چوت لايىھىسىنى رەت قىلغان ئۆكتىچى پارتىيىلەر، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن، پارلامېنتتا ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

كانادا ئاساسىي قانۇنى بويىچە، ئەگەر ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك تەكلىپ لايىھىسى پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسە، مەزكۇر ھۆكۈمەت ھاكىمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش سالاھىيىتىدىن ئايرىلىدۇ. جۈمە كۈنىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ئىشەنمەسلىك تەكلىپ لايىھىسى 145 كە قارشى 156 ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللاندى.

لىبېرال پارتىيىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدا، «ستېپېن خارپېر ھۆكۈمىتىنى ئىنتايىن كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ F35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالدى، ئەدلىيە سىستېمىنى ئۆزگەرتتى، كارخانا-شىركەتلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى قىسقارتىشقا ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەردە، پارلامېنتنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىپ، پارلامېنتنىڭ رولىنى كەمسىتتى» دېيىلگەن. بۇ كانادا تارىخىدا، «پارلامېنتنىڭ رولىنى كەمسىتتى» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ئاغدۇرۇلغان تۇنجى ھۆكۈمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

لىبېرال پارتىيىنىڭ سىياسىتىنىڭ ئەكسىچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش بىلەن تونۇلغان ستېپېن خارپېر باشچىلىقىدىكى كونسېرۋاتىپ پارتىيىسى، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان 2006-يىلىدىن بېرى، ئاز سانلىقلار سالاھىيىتى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئىدى.

ستېپېن خارپېر ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش پىلانلىرىنى بىرقانچە قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك بۇزۇپ تاشلىغانىدى. كانادا سايلام قانۇنى بويىچە، ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ، پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ئاز دېگەندە 36 كۈن ئىچىدە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك.

ئۆتكەن شەنبە كۈنى، كانادا باش ۋالىسى داۋىد جوھنستون ستېپېن خارپېرنىڭ پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىش ۋە 5-ئاينىڭ 2-كۈنى سايلام ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى تەستىقلىدى.

ستېپېن خارپېر سايلام قارارى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا ئاجىز ھالدا تۇرۇۋاتقان، كانادا ئىقتىسادى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى كۈچەيتىش زۆرۈر بولۇۋاتقان نازۇك بىر شارائىتتا ئۈچ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ بىرلىشىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى بىلەن زۆرۈر بولمىغان سايلامنىڭ كانادالىقلارغا مەجبۇرى تېڭىلغانلىقىنى، لېكىن كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ بۇ سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە، «كانادالىقلار بۇ سايلامدا، كۈچلۈك كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتى بىلەن مەسئۇلىيەتسىز بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن بىرىنى تاللايدۇ» دېدى.

ئۆكتىچى پارتىيىلەر بولسا، ھۆكۈمەتكە قارىتا ئىشەنمەسلىك ئاۋازى بېرىشنىڭ باشقا پارتىيىلەرنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ستېپېن خارپېرنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلارغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

كانادا پارلامېنتى كېڭەش پالاتا ۋە ئاۋام پالاتادىن تەشكىل قىلىنىدۇ. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنى سايلام بىلەن ۋۇجۇدقا كەلمەيدۇ، ئەكسىچە، باش مىنىستىر نامزات كۆرسىتىدۇ ۋە باش ۋالىي تەستىقلايدۇ. ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنى سايلام ئارقىلىق پارلامېنتقا كىرىدۇ. ئاۋام پالاتادا ئەڭ كۆپ ساننى ئىگىلىگەن پارتىيىگە باش ۋالىي ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش ھوقۇقى بېرىدۇ. كانادا ئاۋام پالاتاسىدىكى 308 ئورۇننىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن پارتىيە كۆپ سانلىقلار ھۆكۈمىتىنى قۇرىدۇ، كۆپ سانلىقنى ئىگىلىيەلمىگەن تەقدىردە، ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.18 ياشتىن يۇقىرى كانادا پۇقرالىرىنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، كانادادىكى تەسىرگە ئىگە 4 چوڭ پارتىيە ئىچىدە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ يېڭى كىشىلەرنىڭ رايىنى سىناشنى نەتىجىسىگە قارىغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ يۈزدە 43 كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنى، يۈزدە 24 لىبېرال پارتىيىنى، يۈزدە 16 يېڭى دېموكراتلار پارتىيىسىنى، يۈزدە 10 بولسا كېيبېك گۇرۇھى پارتىيىسىنى قوللايدىغانلىقى بىلدۈرگەن. يېشىللار پارتىيىسىگە ئاۋاز بەرمەكچى بولغانلار سانى يۈزدە 6 ئەتراپىدا بولغان. گەرچە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ بۇ قېتىم پارلامېنتتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىشى يەنىلا قىيىن ئىكەن.

ستېپېن خارپېر زورلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن، ھازىر يەنىلا خىتاي تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنىڭ تەقدىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى.