ستوكھولىمدا ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى

شىمالىي ياۋروپا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە شۋېتسىيە مەملىكەتلىك ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام مەسىلىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 24-دېكابىردىن 26- دېكابىرغىچە ستوكھولىمدا ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

يىغىنغا شىمالىي ياۋروپادا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار ھەمدە مىسىر،كۈۋەيت، سۈرىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بىر قىسىم دىنىي ئالىملار ۋە مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئاۋسترالىيىدىن دىنىي زات ئابدۇسالام قارىم تەكلىپ قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ بۇ يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل ئۇيغۇر مەسىلىسى يىغىننىڭ رەسمىي مۇھاكىمە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە، ئۇيغۇرلارغا بىر سائەتلىك ۋاقىت ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئابدۇسالام قارىم ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە ئەرەب تىلىدا دوكلات بەردى ۋە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە تەييارلىغان فىلىمنى كۆرسەتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن سۆزگە چىققان قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى دوكتور راغېپ ئەل سارجانىي ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەسلەتمە بەردى ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىشنىڭ 11 تۈرلۈك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇسالام قارىم پائالىيەت داۋامىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا جەمئىي 2500 دىن 3000 غىچە ئادەم قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىنمۇ تۈركىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە، فىنلاندىيىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بولۇپ 100گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان.

يىغىننىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى كۆرگەزمە ۋە تەشۋىقات زالىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقسىز ئورۇن ۋە مەخسۇس يىغىن زالى ئاجرىتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇشى ۋە ئۆز ‏- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن.