ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2009-12-31
2009 - يىلدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە، "ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى مۇناسىۋىتى دۇنيا ئىقتىسادى ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى چەكلەش قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە دائىر كۆپ نۇقتىلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەم ھەمكارلىق، ھەم سۈركىلىش ئىچىدىكى مۇناسىۋىتى بولدى" دەپ باھا بەرگەن.
2009-12-31
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي مەسىلىلەر يىلدىن-يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇ مەسىلىلەر سىياسىي، ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خاراكتېر جەھەتتىنمۇ بارغانسىرى مۇرەككەپلەشمەكتە. يېقىندا ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا پەيدا بولغان يېڭى مەسىلىلەردىن بىرى-- "ئۇيغۇر قارا نوپۇسلار" مەسىلىسىدۇر.
2009-12-31
ھازىر ئالماتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان، سابىق مىللىي ئارمىيە كاپىتانى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ 50 يىلدىن ئارتۇق ئىجادىي ھاياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى نەشر قىلدۇرغان.
2009-12-31
2009 - يىلى ئاخىرىلىشىپ 2010 - يىل كىرەي دەپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئۇيغۇرلار جۈملىدىن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار 2009 - يىلىنى خۇلاسىلاپ، 2010 - يىلىىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئاڭلاتماقتا.
2009-12-31
يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە 40 - 50- يىللاردىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر سەھنە سەنئىتىدە بەلگىلىك ئورۇن تۇتۇپ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن پېشقەدەم دراما ئارتىسى ۋە لەتىپىچىسى رەھمەت يۈسۈپوفنىڭ 85 ياشلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2009-12-31
كامبۇدژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىگە قارشى تۈركىيىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلات ۋە سىياسىي پارتىيىلەر ئارقا - ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.
2009-12-31
مەيلى قانداقلا بىر دىن بولمىسۇن، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىنسان بىلەن ھېچبىر دىنغا ئىشەنمەيدىغان ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى چوڭ جەۋھەرى پەرقلەر بار. دۇنيادىكى ھەرقانداق دىن كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاق، دۇرۇسلۇق، ئادالەتپەرۋەرلىك، راستچىللىق ۋە ۋاپادارلىق قاتارلىق ياخشى ئىشلارغا چاقىرىپ، ئۇلارنى بۇزغۇنچىلىق، ئالدامچىلىق، ۋاپاسىزلىق، شەپقەتسىزلىك قاتارلىق يامان قىلىقلاردىن توسۇش رولىنى ئوينايدۇ.
2009-12-30
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 2009 - يىلى ئۇيغۇر خەلقى قانداق ۋەزىيەتلەرگە دۇچ كەلدى؟ بولۇپمۇ سىياسىي، ئىجتىمائى، دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قانداق ئەھۋاللارغا يولۇقتى؟ شۇ ۋەزىيەتلەردىن قانداق يەكۈن چىقىرىش كېرەك؟
2009-12-30
خەلقئارادىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ 2009 - يىللىق زور ۋەقەلەرگە قاراتقان ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى"نىڭ خەلقئارادا قوزغىغان تەسىرى زور بولغان بولۇپ، بۇ ۋەقە يىللىق خەلقئارالىق زور ۋەقەلەر تىزىملىكىدە مۇھىم ئورۇندا تورغان.
2009-12-30
خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىغا بىر كۈن قالغاندا يەنى 30 - سېنتەبىر كۈنى سائەت 18:45 دە، مەمەت ئۇيغۇر ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كېلىپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئۆزى ياسىغان پارتلىغۇچى ماددىنى تاشلىغاندىن كېيىن، قاماپ قويۇلغان ئىدى.
2009-12-30
بۇ يىل ئاخىرىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف دۆلەت بويىچە خىزمەت كۆرسەتكەن بىر تۈركۈم تۆھپىكارلارنى ھۆرمەت ئوردىنى بىلەن مۇكاپاتلىدى.
2009-12-30
ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائى تەشكىلاتلار بىرلىكى، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. بۇ بايانات، تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنىپ، كامبۇدژانىڭ 20 نەپەر سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئەيىبلەنگەن.
2009-12-30
خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسى بەشتوغراق يېزىسى تەۋەسىدە "سىياۋۇش ۋەلىيۇللا"مازىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بىر قەبرىگاھ بولۇپ، قەدىمقى زامان خوتەن تارىخىي ۋەقەلىكلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە، يەرلىك خەلق تەرىپىدىن تا ھازىرغىچە مۇھاپىزەت قىلىنىپ كەلمەكتە.
2009-12-29
2009 - يىلى 12 - ئايدن بۇيان خىتاي تىلدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن، ئاپوللو، بوشۇن قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم خوڭكۇڭدا چىقىدىغان نۇر گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پارتىكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.
2009-12-29
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقاپ قويۇلغان تېلىفۇن لىنىيە سېستىمىسى ۋە ئېنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تەدرىجى ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.