ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2011-12-30
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئالدىنقى كۈنى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، تېررورچىلاردىن 7 سىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 4 ىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە يەنە يارىلانغانلىقىنى بايان قىلغان.
2011-12-30
چەتئەللەردىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ھەم جاڭ ۋېيگو ئەپەندىلەر، «گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەسى ھەققىدە توختالدى.
2011-12-30
28 - دېكابىر يۈز بەرگەن گۇما ۋەقەسى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بۈگۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە تارتتى.
2011-12-30
تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكارى ئازاد بورھانوف يېقىندا قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ھۆرمەت مېدالى بىلەن مۇكاپاتلاندى.
2011-12-30
ئاۋسترالىيىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 5 - نۆۋەتلىك ئايلانما مۇسابىقىسى ئاۋسترالىيىنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە 2011 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى.
2011-12-30
بېشكەك شەھىرىدە 29 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ياشلار كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشىدە يېڭى يىلنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
2011-12-30
ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى تەرىپىدىن سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن مەخسۇس كۆزەتكۈچىلەر ھەيئىتى پەقەت تاماشا كۆرگۈچىلەرگە ئايلىنىپ قالغان.
2011-12-29
گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدىكى توقۇنۇشتا، ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلگەن، ساقچىلار چېگرادىن قاچماقچى بولغان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئېتىۋەتكەن.
2011-12-29
28-دېكابىر كۈنى كەچتە، خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىنىڭ مۇكالاي يېزىسىدىكى، ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن خىتاينىڭ گۇما ناھىيىلىك ساقچى خادىملىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىككى تەرەپتىن جەمئىي 8 كىشى ئۆلگەن ۋە 4 كىشى يارىلانغان.
2011-12-29
2011-يىلى ئاخىرلىشىپ 2012-يىلى كىرەي دەپ قالغاندا ئۆتۈپ كەتكەن يىلنىڭ ھېسابىنى قىلىپ، كېلىۋاتقان يىلدىن يېڭى ئۈمىدلەر كۈتۈلىدۇ.
2011-12-29
كانادادىكى خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي سەتچىلىكلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ئاكسىيە بازىرىغا كىرگەن «خىتاي ئورمان شىركىتى» نىڭ كانادادىكى ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقىنى تەكشۈرمەكتە.
2011-12-29
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ھامۇت كۆكتۈرك باشچىلىقىدا 5 كىشىلىك بىر ھەيئەت مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تور ئۇچۇر مەجمۇئەسى - «دۇنيا بۇلتەنى» تور بېكىتىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى.
2011-12-28
ئۇچتۇرپان قاماقخانىسىدا 39 كۈن ياتقان ۋە كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ئۇچتۇرپاندىن قېچىپ بېيجىڭدا يوشۇرۇن ياشاۋاتقان نۇرگۈل توختى، قاماقخانىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
2011-12-28
يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتايدا يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان دېھقانلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
2011-12-28
تۈركىيىدە 2012-يىلى خىتاي يىلى دەپ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ھەر خىل يوللار بىلەن تۈركىيىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا.