ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2012-12-31
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2012-يىلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، 2013-يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى يېڭى يىل بىلەن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۆزىنىڭ يېڭى بىر يىلدىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرىنى ئىپادە قىلدى.
2012-12-31
ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 2013-يىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يېڭى بىر يىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2012-12-31
ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۆلمەس ئابىدە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنىڭ يېقىندا رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىر پەيدا قىلغان.
2012-12-31
ياپونىيە دېڭىز قوغداش ئەترىتى ياپونىيىنىڭ ياكۇشىما ئارىلىغا 180 كىلومېتىر كېلىدىغان ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدىن «مىڭشا يۈيۈن 05307» ئىسىملىك، 200 توننىلىق بېلىقچىلار كېمىسىنى 9 نەپەر بېلىقچى بىلەن تۇتقان.
2012-12-28
يېقىندا بايقالغان غايىپلاردىن بىرى ئالىمجان بەكرى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 5 - ئىيۇل كۈنىدىكى نامايىشتا، سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلاردىن بىرى، ئۇ شۇ كۈنى كەچتىن ئېتىبارەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ. بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا ئالىمجان بەكرىنىڭ كىملىكى ۋە غايىپ بولۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئۈرۇمچىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل خادىملارنىڭ بىرقىسىم غايىپلار ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا بەرگەن يېڭى جاۋابلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.
2012-12-28
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى 1988 - يىلى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «مايتىرى سىمىت» ناملىق بۇددا درامىسىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇرغان.
2012-12-28
12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋىي شياۋنىڭ ۋە «تۈركىيە خىتاي دوستلۇق فوندى» باشلىقى ھاسان چاپان، ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىلغان ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بەردى.
2012-12-28
ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا، بولۇپمۇ مىللىي مائارىپنىڭ ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقى، ئانا تىلىدىكى مەكتەپلىرى بولمىغان خەلقنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولىدىغانلىقى، مەدەنىيىتىنىڭ، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىغانلىقى ياخشى مەلۇمدۇر.
2012-12-28
ياپونىيە كوسايدو نەشرىياتى تەرىپىدىن كوللىكتىپ تۈزۈلگەن «خىتايدىكى ئەمەلدارلار دەستۇرى» ناملىق كىتابتا خىتايدىكى يېڭى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان شى جىڭپىڭ باشلىق خىتايدىكى ئەمەلدارلارنىڭ تەرجىمىھالى، ئەمەلدارلىققا ئېرىشىشىدىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2012-12-28
قازاقستان ھۆكۈمىتى 27 - دېكابىرنى ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. 25 - دېكابىر كۈنى قازاقستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا ئائىت بىر ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چېمكەنت ئەتراپىدىكى سايرام يېزىسى يېنىغا چۈشۈپ پارتلاپ كەتكەن.
2012-12-27
بىز ئۆتكەن ھەپتدىكى پروگراممىزىدا 5 - ئىيۇل غايىپلىرىدىن مەمەت باراتنىڭ ئانىسى سۇدىخاننىڭ ئۈرۈمچى ئالتۇنبۇلاقتىكى ئۆيىدىن ساقچىلارنىڭ بېسىمى بىلەن ھەيدەلگەنلىكى ۋە سۇدىخان ئائىلىسىنىڭ ئالتۇنبۇلاقتىكى بىر مېھمانخانىدا كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇخبىرىمىز سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ساقچى خادىمىنى زىيارەت قىلدى. ساقچى خادىمى سۇدىخاننى ئۆيىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنى بالىسىنى ئىزدەشتىن توسۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرمىدى.
2012-12-27
تۈركىيە قانال7 تېلېۋىزىيىنىڭ «دىيار، دىيار» پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە تاماقلىرى تونۇشتۇرۇلدى.
2012-12-27
تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتى 41 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر تۈرك، خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم سىياسىي مەسىلىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2012-12-27
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1944 - ، 1949 - يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان قىز رىزۋانگۈلنىڭ ئوبرازى يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «شەپقەت ھەمشىرەسى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن كومپوزىتور قۇددۇس غوجامياروفنىڭ «رىزۋانگۈل» سىمفونىيىسى ئارقىلىق خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
2012-12-27
ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى توشىئو تاموگامى يېقىندا ئۆز نامىدا نەشر قىلىنىدىغان ژۇرنالدا «دىنىي ئېتىقادى بولمىغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە ياپونلارنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇشى» دېگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.