چارىن يېزىسىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى

قازاقىستاندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 10-يانۋار كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى ئالماتا ۋىلايىتى ئۇيغۇر ناھىيىسىنىڭ چارىن يېزىسىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن.

2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ: ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ.
2010 - ﻳﯩﻠﻰ 3 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ: ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜ ﺋﺎﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﯞﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ. (AFP Photo)

0:00 / 0:00

پەۋقۇلئاددە خىزمەت باشقارمىسى سوغۇقنىڭ كۈچىيىشى ۋە قېلىن مۇز ھاسىل بولۇشى سەۋەبىدىن، چارىن دەرياسىنىڭ سول قىرغىقىنى يار ئېلىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان. خەۋەرلەردە يەنە مەزكۇر ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە ۋىلايەتلىك ۋە ناھىيىلىك قۇتۇلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى شۇنداقلا يىگىرمىدىن ئوشۇق مەخسۇس تېخنىكنىڭ ئاجرىتىلغانلىقى ئېيتىلغان. بۇ سۇ ئاپىتىدە يېزىدىكى 1070 ئۆينىڭ 250 ئى سۇدا قالغان.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چارىن يېزىسى ھاكىمى ئارۇپجان روزىيېف بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى تونۇشتۇردى.