خەلقئارا سوت تەپتىشى سۇدان پرېزىدېنتى بېشىرنى قولغا ئېلىپ سوتلاشنى تەلەپ قىلدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن سۇداننىڭ پايتەختى كارتۇمدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئورنى گوللاندىيىنىڭ گائاگا شەھرىدىكى خەلقئارا سوت مەھكىمىسىنىڭ تەپتىشى لۇىس ئوكامپو سۇدان پرېزىدېنتى ئومەر ئەل بېشىرنى 'ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ، سۇداندا كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان ئۈچ خىل يەرلىك مىللەتنى خانىۋەيران قىلدى' دەپ ئەيىبلىگەن ۋە باش سوتچىدىن بېشىرنى قولغا ئېلىپ سوتلاشنى تەلەپ قىلغان.

0:00 / 0:00

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خەلقئارا سوت تەپتىشى لۇيىس ئەپەندى يوللىغان ئەيىبنامىدا، سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر ئەل بېشىرنى دارفۇردا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىققا جاۋابكار بولۇشى كېرەك، بۇنىڭ خاراكتېرى ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى بولىدۇ، دەپ خىتاپ قىلىنغان.

سۇدان دائىرىلىرى خەلقئارا سوتقا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە

خەۋەردە بايان ئېيتىلىشىچە، سۇدان دائىرىلىرى خەلقئارا سوتنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى مەزكۇر رايوندىكى تىنچلىقنى بۇزىدۇ، ھەتتا سۇدان دۆلىتىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئافرىقا بىرلەشمىسى، ئەرەب بىرلىكى ۋە ئىسلام ئىتتىپاقى ھازىر بۇ مەسىلىگە ناھايىتى جىددىي مۇئامىلە قىلماقتا.

خىتاي ب د ت نىڭ سۇدانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىنى بۇزدى

ب ب س بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ سۇدانغا قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىنى بۇزغانلىقىغا دائىر دەلىل - پاكىتلارنى ئاشكارىلىدى. ب ب س مۇخبىرى خېللىرى ئاندېرسون يوللىغان دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ 'دۇڭفېڭ' ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىغا سۇداندا توپ - زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە 'فەنتەن' بەلگىلىك ھۇجۇمچى ئايروپىلانلار ئۈچۈن خىتاي ئۇچقۇچى تەربىيىلەپ بەرگەن. بۇنىڭغا دائىر فوتو سۈرەتلەرمۇ بۇ دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان.

ب د ت ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۇداندا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشلاردا 300 مىڭ يەرلىك خەلق ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئىككى مىليون ئادەم ئۆي ‏ - زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئىدى.

سۇداندىكى ھەربىي توقۇنۇشلاردا قوللىنىلغان قورال - ياراقلار خىتايدىن كەلگەن

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ب د ت 2003 ‏ - يىلىدىلا سۇداندا يۈز بەرگەن ئېتنىك قىرغىنچىلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قورال - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنمۇ سۇداندا يۈز بېرىۋاتقان مىللىي قىرغىنچىلىق يەنە داۋام قىلىۋەردى. بۇ دۆلەتتە يۈز بەرگەن ھەربىي توقۇنۇشلاردا قوللىنىلغان قورال - ياراقلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، سۇداندىكى ھەربىي توقۇنۇشلاردا قوللىنىلغان قورال - ياراقلار خىتايدىن كەلگەن.

بۇنىڭ بەزىلىرى، مەسىلەن، يۈك توشۇيدىغان ئايروپىلانلار رۇسىيىدىن كەلگەن. ھازىر ئېنىقلىنىپ بولغان دەلىل - پاكىتلارغا ئاساسەن ئېيتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۇدان مەسىلىسىدە ب د ت نىڭ قارارىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئېنىق.

ب د ت نىڭ سۇدانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنىڭ مەزمۇنى

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە يەنە، ب د ت نىڭ سۇدانغا قورا - ياراق ئىمبارگوسى يۈرگۈزۈش قارارىدا 'ئىمبارگو قىلىنىدىغىنى قورال - ياراقلارلا ئەمەس، ھەربىيچە ئاپتوموبىللار، ھەربىي ئىشلارغا قوللىنىدىغان بۇيۇملار ۋە ھەربىي تەلىم - تەربىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ھەربىي تېخنىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ' دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. خەلقئارا ئىشلار ئادۋوكاتى شىرۋانىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي نېفىت ئۈچۈن ب د ت نىڭ بۇ قارارىغا خىلاپ ئىش قىلدى.

خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 2007‏ - يىلى سۇداننىڭ قەرزلىرىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇپلا قالماي، بەلكى سۇداندا مىللىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان سۇدان پرېزىدېنتى ئۆمەر بېشىرغا يەنە بىر نەچچە مىليون فوند ستىرلىڭ ئۆسۈمسىز قەرز بەرگەن ئىدى.

سۇدان مەسىلىسىگە دائىر خەۋەر ئارخىپلىرى

خىتاي - سۇدان مۇناسىۋىتىگە دائىر خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، سۇداندا 1970 ‏ - يىللاردىلا دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتى ئوخشىمىغان يەرلىك خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا سۇ، يايلاق ۋە يەر ئاستى بايلىق مەنبەلىرىنى تالىشىدىغان ھەر خىل توقۇنۇش يۈز بېرىشكە باشلىغان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەدەن قېزىش ياكى نېفىت قېزىش ئۈچۈن مەبلىغى بولمىغان سۇدان ھۆكۈمىتى نېفىتكە قورال تېگىشىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن چەتئەل شىركەتلىرىدىن ياردەم سوراشقا باشلىغان.

'بىز سۇداندا تۇرۇپ، ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمىز'

بۇ يىللاردا، خىتايدا'بېيجىڭلىقلار نيۇيوركتا'، 'شاڭخەيلىكلەر توكيودا' دېگەن ھېكايىلار توقۇلۇۋاتقان ئىدى. 'بىز سۇداندا تۇرۇپ، ۋەتەنگە نېفىت تەقدىم قىلىمىز' دېگەن ھېكايىمۇ توقۇلۇپ چىقتى. خىتاينىڭ نېفىت شىركەتلىرى ئالدى بىلەن سۇدانغا مېھمان بولۇپ كېلىپ، سۇداننىڭ نېفىت خېرىدارى بولدى. كېيىن سۇداندا خىتايلار كۆپىيىپ، ئۆزلىرى نېفىت بۇرغىلاشقا باشلىدى. نېفىت تۇرۇبىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى. خىتايلار ئۆزلىرى بۇرغىلاپ چىقارغان نېفىتنى تۇرۇبا ئارقىلىق قىزىل دېڭىز بويىغا ئېقىتىپ كېلىپ، ئۇ جايدىن پاراخوتلارغا قاچىلاپ، ھىندى ئوكيان ۋە مولوككا بوغۇزى ئارقىلىق خىتايغا توشۇپ كېتىۋىرىدىغان بولدى. سۇدان خىتايغا نېفىت بەردى، خىتاي سۇدانغا قورال بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى جۇڭگو بىلەن سۇداننىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقى 'دەپ ماختاپ تۇردى.

سۇدان ھۆكۈمىتى خىتايدىن تېخىمۇ كۆپ قورال سېتىۋېلىش ئۈچۈن، خەلقنىڭ نېفىت بار زېمىنلىرىنى كۆپلەپ ئىگىلەشكە باشلىدى. ھەتتا مەھەللىلەرنى كۆيدۈرۈپ خەلقنى قوغلاپ چىقاردى. سۇدان ھۆكۈمىتى خەلقتىن تارتىۋالغان زېمىنلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى، ھەتتا قورال - ياراق زاۋۇتى قۇردى. خىتاي قۇرغان زاۋۇتلارغا پۈتۈنلەي خىتايدىن ئادەم ئەكىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.