سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە 11 ـ سېنتەبىردىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان

ئىئوردانىيىلىك يازغۇچى دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ھۆر شەرقىي تۈركسىتان ناملىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان بولۇپ، ئۇ يىغىندا ' سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋە 11 ـ سېنتەبىردىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستان' دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

0:00 / 0:00

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى سۆزىنى مۇنداق باشلىدى: "11 ـ سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى ھەرىكىتىگە پاراللېل قىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى. خىتايلار 11 ـ سېنتەبىر ۋەقەسى يارىتىپ بەرگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قانۇنلىرىنى قاتتىق چىڭىتىش ۋە كۆپەيتىش بىلەن بىرگە، قوشۇمچە يېڭى قانۇنلارنى تېخىمۇ كۆپ بەلگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتاتتى. بۇ خۇددى ئەرەب خەلقىنىڭ: «شامال چىقسا، غەنىمەت بىل» دېگەن ماقال ـ تەمسىلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تۈركىستاننىڭ بۈگۈنكى تىراگېدىيىسىگە كەلسەك، ئۇيغۇرلار دۇنيادا پەلەستىنلىكلەردىن باشقا ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلمىگەن زۇلۇملارنى چېكىۋاتماقتا. "

"شۈبھىسىزكى، كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا ئاچقان ئۇرۇشى تۈركىستاننىڭ كىملىكىنى ئۆزگەرتىش ۋە يوق قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ نەتىجە بەرمەيدىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى ئۇيغۇر خەلقى ئىسلام ئەقىدىسى بىلەن مۇجەسسەملەشكەن كاتتا مەدەنىيەت ئىگىسى بىر مىللەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، خىتاينىڭ مەدەنىيەت، ئەقىدە ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان سىياسىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى قىلىۋېلىش ئارزۇلىرىغا ئېغىر توسالغۇلۇق قىلماقتا. ئىنسانلارنى مەيدانلارغا توپلاپ مەجبۇرىي ئىشلىتىش، خورلاش، ئېزىش، خەلق ئارىسىغا ئىشپىيۇن كىرگۈزۈپ، خەلقنى بىر - بىرىگە تېخىمۇ ئىشەنمەس قىلىۋېتىش، ئىنسانلارنىڭ ئەقىدە ۋە ئىسلام دىنى تۇيغۇسىنى يوقىتىپ تاشلاش مەقسىتىدە، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىززەت ـ نەپسى ۋە نام ـ شەرىپى بىلەن ئوينىشىش قاتارلىق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىجرائاتلار، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەلبىدە خۇددى پارتلاشقا تەييار بولغان بىر ئاتوم بومبىسىدەك غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولۇشتىن باشقا بىر نەتىجە ئوتتۇرىغا قويالمىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز نەپسىنى مۇداپىئە قىلىشتا پۈتۈنلەي ھەقلىق بولۇپ، خىتاي ھەرگىزمۇ بۇنى كۆرمىگەنگە سېلىۋالالمايدۇ، ھەتتا قارشىمۇ تۇرالمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاينىڭ ئۈمىد بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى مەيلى بالدۇر ياكى كېيىن بولسۇن، ھەرگىز نەتىجە بەرمەيدۇ. "

"ئۇيغۇرلار يېقىن كەلگۈسىدە نوپۇسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقىلىپ كېتىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خىتايمۇ ئۆزىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىن بەكرەك، ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ ئاساسى ئومۇرتقىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ قوللىرىدىن چىقىپ كېتىشىدىن بەكلا قورقىدۇ. شۇڭا خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ، ئىككى يۈز مىليون خىتاينى يۆتكەپ چىقىپ، شەرقىي تۈكىستاننى ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس جەھەتتە پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىۋېلىش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. ناۋادا خىتاينىڭ بۇ پىلانى توسالغۇسىز بىر شەكىلدە داۋام قىلىدىغان بولسا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىخى تامامەن يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن."

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: "خىتايلار تۈركىستانلىقلارنىڭ 1300 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار يەنە ئىسلام بايرىقىنى خىتاي ئىچىگە خىتاينىڭ غەربىي چېگرىسىدىن كۆتۈرۈپ كىرگەنلەرنىڭ دەل تۈركىستانلىقلار ئىكەنلىكىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. تۈركىستانلىقلار ئىسلام دىنىغا شۇنداق چىڭ يېپىشقانكى، تۈركىستان ئىسلام دەۋرلىرىدە ئىلىم ـ پەن، بىناكارلىق، ئەدەپ ـ ئەخلاق، قەدىر ـ قىممەت ۋە كەڭ قورساقلىق جەھەتلەردە كۆپ راۋاجلاندى. تېخىمۇ ئوچۇق قىلىپ ئېيتساق، مۇسۇلمانلار خىتاي تىلىدا «چەنتۇ» يەنى “سەللىلىك ئادەم” دەپ مەشھۇرلىشىپ كەتكەنىدى. خىتايلار يەنە تۈركىستاننىڭ تارىخىي ۋە ھازارەت نۇقتىسىدىن ئىسلام بۆشۈكى بولغانلىقىنى، ھەر ئەسىردە ئىسلامنى ئىسلاھ قىلىپ تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن ھەدىسشۇناس، فىقھىشۇناس، تىلشۇناس ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانلىقىنى، بۇ ئالىملارنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى قوغداشتا ناھايىتى چوڭ تۆھپىلىرىنىڭ بارلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستاندا تارىخ بويىچە چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى پۈتۈن ئىنقىلاب ۋە قوزغىلاڭلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى بىردىنبىر كۈچنىڭ ئىسلام دىنى ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. بۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەم تەپەككۇرىدىن، ھەم ھازارىتىدىن نە قىيىن، نە ئاسان بىر شەكىلدە چىقىرىۋېتىش مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەس."

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى سۆزىدە يەنە، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىملىياتىسىيە قىلىش ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان مەخپىي ھۆججەت ۋە قارارلىرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۇشىنى سۈرەتلەپ مۇنداق دېدى: "خىتاي ئىسلام دىنىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىش بايرىقى ئاستىدا، نۇرغۇن قېتىملاپ قەتلىئام ئېلىپ باردى. ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق تۈركىستان خەلقى ھەرگىز تەسلىم بولمىدى. بىراق، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان زۇلۇمنى رەسمىي، پىلانلىق ۋە ئوچۇق - ـ ئاشكارا ھالدا ھەسسىلەپ ئېلىپ بارماقتا. بىز خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەلەردە يۈرگۈزۈۋاتقان رەزىل سىياسەتلىرىنى، بولۇپمۇ خىتاي ھەرگىز ئىنكار قىلالمايدىغان ياكى ئىزىنى ئۆچۈرەلمەيدىغان رەسمىي قانۇنلىرىدىن ئېلىنغان ئۆرنەكلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز. يەرلىك خەلق ئەلۋەتتە ئېتىقاد، ئىبادەت ۋە تىرىكچىلىك ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىۋاتقان ۋە ئىشىنىۋاتقان نەرسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تەبىئىي ھەق - ـ ھوقۇقلىرىنىڭ چارىلىرىنى ئىزدەيدۇ. بىراق بۇ مەخپىي چارىلەرمۇ خىتاينىڭ «دۆلەت سىرلىرى» دەپ بەلگىلەنگەن، ھەرگىزمۇ ئاشكارىلانمايدىغان ئاجايىپ رەزىل ۋە رەسمىي قانۇنلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە جازا ۋە قىيىن ـ قىستاقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ."

خىتاي سابىق باش مېنىستىرى لې پىڭ 1994 ـ - يىلى 31 ـ - يانۋار كۈنى، «دۆلەت سىرلىرى» دەپ بەلگىلەنگەن ئەنە شۇ قارارلاردىن دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئىككىسىگە قول قويغان بولۇپ، قارار خۇلاسىسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: «145 ـ - نومۇرلۇق قارار: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدا كەڭ تارقالغان بارلىق مەخپىي ئىبادەت ۋە مەخپىي دىنىي پائالىيەت ئورۇنلىرى تاقىلىدۇ. پۈتۈن دىنىي پائالىيەتلەر قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ».

« 144 ـ - نومۇرلۇق قارار: چەتئەللىكلەرنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى، مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى ۋە دىنىي مەكتەپلەرنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئىبادەتخانىلار، دىنىي مۇئەسسەسە ياكى جەمئىيەتلەر قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلماسلىق. شۇنىڭدەك، چەتئەللىكلەرنىڭ يەرلىك دىنىي زاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى، ئۇلارنى دىنىي ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىشىنى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرىگە يوليورۇق بېرىشىنى مەنئى قىلىش ». «شىنجاڭ گېزىتى» 1997 ـ - يىل 6 ـ - ئاينىڭ 21 ـ - كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغانىدى: «خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىلا 133 مەسچىتنى چېقىپ، 105 مەدرىسنى تاقىدى».

دوكتۇر ئەكرەم ھىجازى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىىلىسى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: "يالغانچىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، ئازدۇرۇش، گوللاش، بۇرمىلاش ۋە ئىنكار قىلىش زامانى ئۆتۈپ كەتتى. ئاۋاز چىقارماي قىرغىنچىلىق قىلىش زامانىمۇ ئاللىبۇرۇن تۈگىدى. بىراق، تولىمۇ ئەپسۇسكى، ئىسلام ئەھلى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى پەقەت ئۈرۈمچى ۋەقەسى بىلەنلا بىلەلىدى. بۇ ۋەقە مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ نەچچە ئون يىللىق جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، كىشىنى ھېسداشلىق قىلىشقا، قەدىرلەشكە، ھۆرمەتلەشكە جەلپ قىلىدىغان، ھەمكارلىشىش ۋە ياردەم قىلىشقا لايىق قەھرىمان بىر خەلقنىڭ بارلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئونلارچە يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك مۇستەملىكە تۈزۈمىگە قارشى كۆرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئۇلارغا نامايەن قىلىپ بەردى. بۇ ۋەقە يەنە ئۇزۇن يىللىق زۇلۇم ـ سېتەملىرىنى يوشۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا خىيانەت قىلغان، بىگۇناھ مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئېغىر زۇلۇم سېلىۋاتقان خىتايغا قارشى ئۇلارنىڭ (مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ) غەزەپ ـ نەپرىتىنى قوزغىدى."

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى : "ئاخىرىدا شۇنى ئوچۇق قىلىپ ئېيتىمىزكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن چىقالماس پاتقاقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدى. بىراق شەرقىي تۈركىستانمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالدا. گەرچە: «مۇتەئەسسىپلىك، بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرروردىن ئىبارەت بۇ ئۈچ كۈچ خىتايغا ۋە شۇ رايوندىكى باشقا يەرلەرگە نىسبەتەن ئاپەت بولغان بىلەن»، باشقا بىرلىرىگە نىسبەتەن بايراق بولىدۇ. كۈرەش مانا مۇشۇنداق داۋام قىلىدۇ. لېكىن كۈرەش قىلىپ ئۆلۈش، جىم يېتىپ ئۆلگەندىن مىڭ ئەلا. "

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.