سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈندىن - كۈنگە ۋەھشىلەشكەن بولۇپ، قىرغىنچىلىقتا ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن. نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس كادىرلىرى سۈرىيە تەۋەسىدىكى ۋەھشىلەرچە باستۇرۇش، نامايىشچىلارنى ھەر خىل ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى ۋە خۇسۇسەن دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ كېلىنگەن يارىدار خەلقنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش رەزىللىكلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، دوكلات ھازىرلىغان.
لوندوندا چىقىقىدىغان«ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012 - يىلى، 8 - مارت كۈنىدىكى سانىدا،« سۈرىيە ھەربىي دوختۇرخانىلىرىدىكى قىيناشلار ھەققىدىكى ھۆججەتلەر كۆپەيمەكتە» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ باياناتىغا كۆرە، ئالدىنقى كۈنى ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيىسىدە سۈرىيىنىڭ ھەربى دوختۇرخانىلىرىدىكى يارىدارلارنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىيىن - قىستاقلارغا ئېلىنىش جەريانى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ نەق مەيداندىن ئېلىنغان ۋىدىئو كۆرۈنىشى ئىكەن. ۋىدىئودا كۆزلىرى باغلانغان، يارىدارلار سۈرىيىنىڭ ھەمس ۋە ئىدلىب ھەربى دوختۇرخانىلىرىدا، دوختۇرچە كىيىنىۋالغان ئەسكەرلەر تەرىپىدىن قىيىن - قىستاققا ئېلىنغان ۋە ئازاب دەردىدىن جان تالىشىۋاتقان ھالىتى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن.»
قىيىن - قىستاق كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا
مەزكۇر ماقالىدە يەنە مۇنداق يېزىلغان: «سۈرىيىدە نامايىشچىلار قىيناپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى نامايىشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى. مەزكۇر دوكلاتتا سۈرىيە ھەربىي دوختۇرخانىلىرىغا ئېلىپ كېلىنگەن يۈزلەرچە يارىدارلارنىڭ سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان كۆرۈنۈشلەر ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ4 - قانىلىدا كۆرسىتىلگەن. ئەمما بۇ كۆرۈنۈشلەر ئىلگىرىكىلىرىدىن بەكرەك ۋەھشىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان قىيىن - قىستاقلارنىڭ كۆرۈنۈشى ئىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى قولغا چۈشۈرگەن دەلىل - ئىسپاتلار ۋە ھۆججەتلىك ۋىدىئو كۆرۈنۈشلىرى سۈرىيىنىڭ ھەمس ۋە لازىقىيە ھەربى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرىدىغان تۈرمىلەرگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.»