تەھلىلچىلەرگە كۆرە، ئەسەد ھاكىمىيىتى خەلقئارالىق قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلماسلىقتا قاپ يۈرەكلىك بىلەن ئىش كۆرمەكتە. خەلقئارا كۆزەتچىلەرنىڭ كۆزىدە نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىش، شەھەرلەرنى بومبىلاش ۋە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈش سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۈچۈن كۈندىلىك تەكرارلىنىدىغان ئاددى ئىشلارغا ئايلىنىپ قالغان.
ئەرەب دۇنياسىدا نامايىشلار باشلانغىنىغا 15 ئاي بولۇپ قالغان بولسىمۇ، بۇ نامايىشلار ھەممىلا دۆلەتتە ئوڭۇشلۇق بولالمىغان. مىسىر، تۇنىس ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆزلەنگەن ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن بولسىمۇ، سۈرىيىدە ۋەزىيەت باشقىچە بولماقتا. ئەرەب باھارىنىڭ سۈرىيىدىكى بېكىتى ئەڭ ئۇزۇن مەشغۇل قىلغۇچ بېكەت بولۇپ قالماقتا.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى 2012 - يىلى4 - ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە، سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە كۆتۈرۈلگەن نامايىشلارنى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان ۋەھشىيلىكلىرىنى نەق مەيداندىن كۆرسەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى ئۈنىۋېرستېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار «بەششار ئەل ئەسەد تەختتىن چۈشسۇن!» دېگەن شۇئارنى توۋلاپ نامايىش قىلىشنى باشلىغان ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدەك خەۋەرلەرنى تارقاتقان ئىدى.
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، 4 - ماي جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى مەسچىتلىرىدىن نامايىشلارنىڭ چىقىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولغانلىقتىن، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى جۈمە كۈنى سەھەردىن باشلاپ دەمەشىق، ھەمىس، ئىدلىپ، قامىشلى قاتارلىق شەھەرلەردىكى ۋە يېزا - قىشلاقلاردىكى مەسچىتلەرنى كونترول قىلىۋالغان. ھەتتا مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن مەسچىت تەرەپكە ماڭغان بىگۇناھ پۇقرالاردىن بىر قانچىسىنى جۈمە كۈنى سەھەردە ئېتىپ تاشلىغان. جۈمە نامىزىدا بولسا، بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپى ساقچى ۋە ئەسكەرلەر بىلەن قوشالغان بولۇپ، خەلقنىڭ مەسچىتلەردىن نامايىش قىلىپ چىقىشىنى توسماقچى بولغان. ئەمما نامايىشلار يەنىلا داۋام قىلغان. ساقچىلار ياغدۇرغان ئوقلارغا پىسەنت قىلمىغان خەلق نامايىشلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە كۆپ قۇربانلارنى بەرگەن.
جۈمە نامىزىدىن چىققۇچىلار ئوققا تۇتۇلغان
2012 - يىلى4 - ماي كۈنى«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بەرگەن سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مۇھەممەد شامى مۇنداق دېدى:«بىرلا دەمەشىق شەھىرىدىلا ئەمەس. بەلكى ھەمس، ئىدلىب، قامىشلى ۋە باشقا شەھەرلەردە مەسچىتلەردىن چىققان خەلق تېخى شۇئار توۋلىماستىنلا ئوققا تۇتۇلدى. ئەمما ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى خەلقنى نامايىش قىلىشتىن توسالمىدى. بۈگۈنكى نامايىش مەسچىتلەرنىڭ ئەتراپىدا بولدى. بىرلا مەسچىتتىن چىقىۋاتقان جامائەتلەرگە ئېتىلغان ئوق زەربىسى بىلەن نەق مەيداندا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە نۇرغۇنلىرى يارىلاندى. ئەمما نامايىش داۋام قىلدى. ئەسكەرلەر ۋە ساقچىلار ئوق چىقىرىش بىلەنمۇ نامايىشلارنى توختىتالمىدى. ساقچىلارنىڭ ئوق چىقىرىشى نامايىش قىلغانلارغىلا بولمىدى. بەلكى ئىدلىب شەھىرىدە بىر ئائىلىگە بېسىپ كىرگەن ساقچىلار بىر ئائىلىدىن ئۈچ كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. مۇنداق ئەھۋاللار ھەر بىر شەھەردە كۆرۈلمەكتە.»