ماراكەشتە 4 - نۆۋەتلىك «سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى» چاقىرىلدى

تۇنىستىن باشلانغان ئەرەب باھارى سۈرىيىگە كېلىپ توختاپ قالغاندىن كېيىن، سۈرىيە خەلقىنىڭ ۋەزىيىتى كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىشقا باشلىغان ئىدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.12.14
suriyening-dostliri-2012-305.png 2012 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ماراكەش پايتەختىدە چاقىرىلغان«سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى»غا قاتناشقۇچىلار
AFP


ئەرەب باھارىنىڭ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە سۈرىيە خەلقىنى ئەسەد دىكتاتۇرلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتى بىلەن كۆپلىگەن ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىرلىشىپ«سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى» دېگەن تېمىدا بىر قانچە قېتىم چوڭ يىغىنلارنى چاقىرىپ سۈرىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان ئىدى.

«سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى» بىرىنچى قېتىم 70تىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن 2012 - يىلى24 - فېۋرال كۈنى تۇنىستا، ئىككىنچى قېتىمقى يىغىنى 60 تىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن 2012 - يىلى2 - ئاپرىل كۈنى ئىستانبۇلدا، ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنى 2012 - يىلى 24 - ماي كۈنى 107 دۆلەتنىڭ ئىشتىراكى بىلەن پارىژدا چاقىرىلغان ئىدى. ئەمدى2012 - يىلى12 - ئاينىڭ12 - كۈنى ماراكەش پايتەختىدە «سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى»نىڭ 4 - قېتىملىق ئولتۇرۇشى باشلانغان. بۇ يىغىنغا 100دىن كۆپرەك دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىشتىراك قىلغان.

«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرى

2012 - يىلى12 - ئاينىڭ12 - كۈنى چارشەنبە ماراكەش پايتەختىدە چاقىرىلغان«سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى»نىڭ جەريانى قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا نەق مەيداندىن كۆرسىتىلدى. يىغىنغا ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا غەرب مەملىكەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن 100دىن ئارتۇق كىشى ئىشتىراك قىلغان. پەقەت ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىللارى كلىنتون ئۆزى بىۋاسىتە ئىشتىراك قىلالمىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى قاتناشقان.

«سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى»نىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۇنىس دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رەفىق ئابدۇسسالام سۆزلىگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ سۈرىيە مەسلىسى ھەققىدىكى مەۋقەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى نۇتقىدا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىدە قۇرۇلغان مىللىي كومىتېتنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئەسەد دىكتاتورلىقىدىن قۇتۇلۇشىغا تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقى

يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى سۆزلىگەن رەفىق ئابدۇسسالام مۇنداق دېدى:«بىزنى بۇ يەرگە چاقىرىپ يىغىن ئېچىشقا سەۋەب بولغان ئامىل سۈرىيە خەلقىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە ئۇ جايدىكى ئىنسانىي كرىزىستۇر. چۈنكى سۈرىيە دىكتاتورىنىڭ تىنچلىق بىلەن باشلانغان خەلق نامايىشىنى ئەسكىرى ھەرىكەت بىلەن بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تۇتۇشى سەۋەبلىك، سۈرىيە خەلقىنىڭ قانغا بويالغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلتۈرۈش، كۆيدۈرۈش ۋە قىيناشنى قانۇن قىلىۋالغانلىقى كرىزىسنى بۇ قەدەر چوڭايتىۋەتكەن. مەلۇمكى، ھېچقانداق بىر زالىم ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلماي قالمايدۇ، ھېچبىر زالىم ئاخىرىغىچە داۋام قىلالمايدۇ. ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ۋاقتى ئاز قالدى. بىز ئەسەدتتىن كېيىنكى سۈرىيە ئۈچۈن بۇ يەردە ئولتۇرۇۋاتىمىز.»

يىغىننىڭ مەقسىتى

«ئەل جەزىرە» تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماراكەشتە چاقىرىلغان4 - نۆۋەتلىك «سۈرىيە دوستلىرىنىڭ خەلقئارالىق يىغىنى»نىڭ ئاساسلىق غايىسى سۈرىيىنىڭ بەششار ئەل ئەسەد ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە باش قاتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.