سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنى قىرىشتا ئەرەب دۆلەتلىرى بويىچە رېكورت ياراتقان بولدى. ئۆتكەن توققۇز ئايدىن بىرى سۈرىيىدە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھەر قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلاردا ئۆلگەنلەردىن ئەلۋەتتە كۆپ ئىكەن.
سۈرىيىدە خەلق نامايىشى كۆتۈرۈلگەندىن بىرى خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ سانىمۇ ئاز ئەمەس
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 12-دېكابىر سانىدا «خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەرنىڭ سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى غەلىبىسى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە ئارمىيىسىدىن ئايرىلىپ خەلق تەرەپكە ئۆتكەن ئەسكەرلەر بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپدارىدىكى ئەسكەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ قاتتىق توقۇنۇش 11-دېكابىر كۈنى سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن. ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىنى تىنىۋاتقان ئەساد ھاكىمىيىتى ھەربىي سەپتىن ئايرىلىپ، جەنۇبىي سۈرىيە رايونىدا مەركەزلەشكەن ۋە ئۆزلىرىنى ‹ئەركىن ئارمىيە› دەپ ئاتىغان خەلقچىل قوشۇنغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ئېغىر تىپتىكى قوراللار ۋە تانكىلار بىلەن قوراللانغان ھەربىي قوشۇنىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار خەلق تەرەپكە ئۆتكەن قوشۇن تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى«ئەركىن ئارمىيە» قوشۇنى ھۆكۈمەت تەرەپدارى بولغان قوشۇننى ئارقىغا چېكىندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۈچ تانكىسىنى پارتلىتىپ تاشلىغان. بۇ سۈرىيىدىكى 9 ئايدىن بېرىكى ئەڭ چوڭ توقۇنۇش بولۇپ، سۈرىيىدە قوزغالغان خەلقنىڭ غەلىبىگە قەدەم قويۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئەساد ھاكىمىيىتىنىڭ غۇلاپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»
چوڭ دۆلەتلەر سۈرىيىنى ئاگاھلاندۇرماقتا
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ھەمس شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇرماقتا. ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرىدە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى ئۇجۇقتۇرماقچى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. سۈرىيىدىكى ئەساد ھاكىمىيىتى ئۆز دەۋاسىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن سۈرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئارقىلىق، سۈرىيىنىڭ ھەمس شەھىرىدىكى تېررورچىلار ھەمس شەھەرلىك گاز شىركىتىنىڭ باشلىقى ماھىر غېدىرنى ئۆلتۈردى، دېگەن خەۋەرنى تارقاتقان.»