سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكى ۋە ئۇلۇغ جۈمە نامايىشى
2011.05.30
سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىدە جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان ئاۋازلار دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ياڭراشقا باشلىدى.
شۇ ۋەزىيەتتە بۈگۈن 27-ماي جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ قامۇشلى، ھەمس، دەرئا قاتارلىق بىر قانچە شەھىرىدە ئون مىڭلارچە كىشى چوڭ كۆلەملىك نامايىشىنى داۋام قىلدۇردى ۋە بۇ جۈمە كۈنىنى «ۋەتەن قوغدىغۇچىلار كۈنى» دەپ ئاتاشتى.
قاتارنىڭ«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 27-ماي جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، سۈرىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچى خەلقنى قانداق قىيناپ ئۆلتۈرگەن ۋەھشىيلىكلىرى ئەكس ئەتكەن رەسىملەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، سۈرىيىدە نامايىش پارتلىغاندىن بىرى ھازىرغىچە تۇتقۇن قىلىنغان ئون مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيىلىكنىڭ نۇرغۇنلىرى شۇنداق ۋەھشىي قىيناشلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قىيناش جەريانىدا ئۆلگەنلەرنىڭمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى چۈشۈرگەن رەسىملەر بىلەن كۆرسەتتى.
مۇندىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى سۈرىيىنىڭ لىۋان چېگراسىغا يېقىن بىر يېرىدە تۇتۇلغان نامايىشچىلار بىلەن بىر قاتاردا قولغا ئېلىنغان 13 ياشلىق ۋەلىد ئىسىملىك بىر بالىنىڭ ئىككى بىقىنىغا يېقىندىن ئوق ئېتىلغان، پۇت-قوللىرى چېقىۋېتىلگەن، جىنسىي ئورگىنى كېسىپ تاشلىۋېتىلگەن ۋە يۈزى بىلەن مەيدىسى قىما-چىما قىلىۋېتىلگەن قورقۇنچلۇق جەسىتى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكىنى دۇنياغا تونۇتتى ھەتتا «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىدا كۆرسىتىلگەن بۇ ئېچىنىشلىق رەسىملەر شۇ پروگراممىنى سۇنغۇچىنى يىغلىتىۋەتتى.
ئەمما سۈرىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچى خەلقنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ھەر كۈنلۈكى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئومۇمى سانى كازافىي يانداشلىرىنىڭ توپ زەمبىرەكلىرى بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن لىۋىيىلىكلەرنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى سۆزلەنمەكتە.
«ۋەتەن قوغدىغۇچىلار كۈنى» نامايىشى
سۈرىيىلىك نامايىشچىلاردىن سەرھەبۇن مۇھەممەد ئىسىملىك بىرى سۈرىيىنىڭ قامۇشلى شەھىرىدىن قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:
-بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا نامايىشقا ئاتلىنىپ چىقتۇق ۋە بۇ جۈمەدىكى نامايىشىمىزنى «ۋەتەن قوغدىغۇچىلار كۈنى» دەپ ئاتىدۇق. نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار يەنىلا ھەر خىل ئۇسۇللىرى بىلەن ئادەم تۇتۇشنى داۋام قىلماقتا. سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ خەلق تەرەپتە تۇرۇشىنى كۆپ قېتىم تەلەپ قىلدۇق. ئەمما ئۇلاردىن ھېچقانداق بىر ئىجابىي سادا چىقمىدى. بىز بۇ جۈمەنى «ۋەتەن قوغدىغۇچىلار كۈنى» دەپ ئاتىشىمىزدا سۈرىيە ئارمىيىسىنى كۆزدە تۇتقانمىز. چۈنكى سۈرىيە ئارمىيىسى ۋەتەننى تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىغۇچىلار بولغىنىدەك، نامايىشچى خەلقنى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ قەتلىئامىدىن، ۋەھشىي قىيناشلىرىدىن قوغدىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىش ۋە ئۇلارنى ئويغىتىشنى مەقسەت قىلدۇق. چۈنكى سۈرىيە ئارمىيىسى خەلقنىڭ بالىلىرى. ئۇلارنىڭ خەلق تەرەپتە تۇرماستىن مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللاپ ئۆز خەلقىنى قىرىپ تاشلىشى ئۆزلىرىنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بىز ئارمىيىمىزنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا بۈگۈنكى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامايىشلارنىڭ ھەممىسى بۇ مەقسەتنى كۆزلىمەكتە.