ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى نامايىشلار ھەر خىل بولماقتا. يەمەندە رەئىس ئېلى ئابدۇللا سالىھ سۈنئىي پارتلاشنى چىقىرىپ ئۆز خەلقىدىن 100 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان بولسا، لىۋىيىنىڭ كازافىيسى ئىنقىلابچى خەلق ئالغان جايلارنى بومباردىمان قىلىپ ھەر كۈنى ئونلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولماقتا. ئەمما ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيىلەردە خەلق نامايىشلىرى ئۇنچىۋالا كۈچلىنەلمىگەن بولسىمۇ داۋام قىلماقتا.
يەمەن رەئىسىنىڭ كۈيئوغلى نامايىشچىلار سېپىگە قوشۇلدى
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 29-مارت سەيشەنبە كۈنى يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يەمەننىڭ سانئا، ئەدەن، شەبئا قاتارلىق 10غا يېقىن شەھىرىدىكى خەلق نامايىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولغان ۋە نامايىشقا قاتناشقانلار سانى 10 مىڭدىن ئاشقان. يەمەننىڭ ئەبيەن شەھىرىدىكى قورال ئامبىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ ئارقىسىدا ئېلى ئابدۇللا سالىھ ھاكىمىيىتىنىڭ قولى بارلىقى ئىسپاتلانغان ۋە بۇ پارتلاشتا 100گە يېقىن ئادەمنىڭ ھاياتىنى يوقاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھنىڭ كۈيئوغلى يەھيا مۇھەممەد ئىسمائىل ئۆزىنىڭ بىر قانچە قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە يەمەن خەلق نامايىشىغا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە خەلقنى مۇستەھكەم تۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن بۈگۈندىن باشلاپ يەمەندىكى خەلق نامايىشىغا قوشۇلدۇم، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىم بىلەن بۇ نامايىشنى قوللايمەن. ئەي نامايىشچى ئەزىمەتلەر! مەن سىلەرگە شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر بۇ مەيداندا سىلەر بىلەن بىللە كۈرەش قىلىمەن، مەن ۋە قوشۇنلىرىم سىلەر بىلەن بىللىمىز. دەۋايىمىز بىر، غايىمىز بىردۇر. چىدام بېرىڭلار، مەھكەم تۇرۇڭلار، ئارقىغا چېكىنمەڭلار، بىز چوقۇم غەلىبە قىلماي قالمايمىز.»
كازافىي قوشۇنلىرى ئىلگىرىلىمەكتە
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كازافىي قوشۇنلىرى قەدەممۇ - قەدەم ئىلگىرىلەپ نامايىشچىلار ئېلىپ بولغان بەزى شەھەرلەرنى قايتۇرۇۋالغان. مىسراتە شەھىرىگە ئىلگىرىلەپ كىرگەن كازافىي كۈچلىرى خەلققە قارشى باشقۇرۇلغۇچى بومبىلارنى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەكلەرنى قوللانغان.
«ئەل جەزىرە»مۇخبىرىنىڭ لىۋىيىنىڭ مىسراتە شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن 10 كۈن ئىچىدە مىسراتە شەھىرىدە كازافىي كۈچلىرىنىڭ توپ-زەمبىرەكلىرى ۋە راكېتالىرى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 244كە يەتكەن.
سۈرىيە ھاكىمىيىتى كازافىيغا مەدەت بەرمەكتە
كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە ژۇرنىلى»نىڭ 2011-يىلى24-مارت سانىدا« سۈرىيە ھاكىمىيىتى كازافىيغا مەدەت بەرمەكتە»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مۇنداق دېيىلگەن: «لىۋىيىدە قۇرۇلغان مىللىي كومىتېت سۈرىيىنىڭ كازافىي ھاكىمىيىتىگە يانتاياق بولۇۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ھەتتا، ئۆزلىرىدە سۈرىيىنىڭ تارتۇس پورتىدىن لىۋىيىنىڭ تارابلۇس پورتىغا قاراپ قورال-ياراق كۆتۈرگەن ئىككى چوڭ پاراخوتنىڭ قوزغالغانلىقى ھەققىدە سانلىق مەلۇمات بارلىقىنى سۆزلىدى. شۇنداقلا كازافىي قوشۇنى ئىچىدە سۈرىيە ئەسكەرلىرىمۇ بارلىقىنى تەكىتلىدى.»