ھىلارىي كلىنتون تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلدى.

0:00 / 0:00

ھىلارىي كلىنتون خانىم ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن ۋاشىنگتوندىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىغا چۈشكەندە، ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ مەسئۇللىرى قارشى ئالدى.

ھىلارىي كلىنتون، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ئىستانبۇلدىكى كونراد مېھمانخانىدا ئۇچراشتى ۋە سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغىلى ئەپەندى بىلەن ئاخبارات يىغىنىدا. 2012-يىلى 11-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

بۇ ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ، «مۇخالىپلارنىڭ قاتتىق قوللۇقنى توختىتىش، تىرىشچانلىقىنى قوللاش. ئامېرىكىنىڭ مۇخالىپلارغا قورال-ياراقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئەۋەتىش. سۈرىيىدە دېموكراتىك بىر ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش» تىن ئىبارەت 3 مۇھىم نۇقتىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

ئۇچرىشىش نەتىجىسىدە، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشىنى تېزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئورتاق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى، كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىش، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق بىر خىزمەت ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇرۇش قارار قىلىندى، ھىلارىي كىلىنتون خانىم، تۈركىيىگە قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان پ.ك. ك تەشكىلاتىغا قارشى تۈركىيىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ بىلەن ھىلارىي كلىنتون خانىم بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئالدى بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدە يۈز بېرىۋاتقان تراگېدىيىلىك پاجىئەلەرگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن مەزمۇت قەدەملەرنى بېسىش ئاساسىي ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزدۇر. يېقىندىن بۇيانقى ھەلەپتە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ھەممىمىزنى قايغۇلاندۇرىدۇ، ھەلەپتە ئۆي-ماكانلارغا ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۇجۇملار ھەم چوڭ بىر ئىنسانى قەتلىئامىغا، ھەم چوڭ بىر تارىخ قەتلىئامىغا يول ئېچىۋاتىدۇ، خەلقئارا جامائەت ئەمدى بۇ قەتلىئامغا ئوچۇق ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ‹توختا!› دەيدىغان قەدەملەرنى بېسىشى كېرەك. كىلىنتون بىلەن بۇ ھەقتە بېسىشقا تېگىشلىك قەدەملەر توغرىسىدا كەڭ تۈردە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق».

ئەخمەت داۋۇتئوغلۇ سۆزىدە ئەنە مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدە ۋەقەلەرگە ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە خاتىمە بېرىلىشى ۋە بۇ جەرياندا ھەر قانداق بىر كۈچنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشىغا يول قويماسلىق توغرىسىدا ئوخشاش قاراشقا كەلدۇق. سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان دەسلەپتە پ.كى.كى. قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا قارشى ھەر تۈرلۈك تەدبىر ئېلىشىمىز كېرەكلىكى توغرىسىدا ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون، سۈرىيە مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدە بىرىنچى بولۇپ مۇخالىپلارنىڭ پۈتكۈل تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاپ، قاتتىق قوللۇقنى توختىتىش كېرەك، ئەسەد بولمىغان دېموكراتىك بىر سۈرىيىگە ئېرىشىش. ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مۇخالىپلىرىغا قورال-ياراقنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى داۋام قىلىش، ئوخشاش ۋاقىتتا ھەر تۈرلۈك ياردەملىرىمىزنى داۋام قىلىۋاتىمىز.»

ھىلارىي كىلىنتون خانىم سۈرىيە خەلقىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالىي كومىتېتى ۋاسىتىسى ئارقىلىق 5 مىليون دوللار قوشۇمچە ياردەم پۇلى، خەلقئارا كۆچمەن ئىدارىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق 500 مىڭ دوللار تۈركىيىگە كۆچۈپ يەرلەشكەن سۈرىيىلىكلەرگە ياردەم بېرىشنى نىشان قىلدۇق. بۇ ياردەم بىلەن بىرگە ئامېرىكىنىڭ، يېمەك-ئىچمەك، ساغلىق، يوتقان-كۆرپىگە ئوخشاش ئېھتىياجلار ئۈچۈن تەمىنلىگەن ياردەم پۇلى 82 مىليون دوللارغا يەتكەن بولدى.»

مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كىلىنتون مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ب د ت، سۈرىيە ئىچىدە 2 مىليون ئىنساننىڭ ياردەمگە ئېھتىياجى بارلىقىنى، 140 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ سۈرىيىگە قوشنا دۆلەتلەرگە قاچقانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇلاردىن 55 مىڭ كىشىنىڭ تۈركىيىگە يەرلەشكەنلىكىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ ئىنساننىڭ تۈركىيىگە كېلىدىغانلىقىنى تەخمىن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

كلىنتون خانىم ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشتى

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ئىستانبۇل دولماباغچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا ھىلارىي كىلىنتون خانىمنى قوبۇل قىلدى. ئەردۇغان بىلەن ھىلارىي كلىنتوننىڭ ئۇچرىشىشى بىر يېرىم سائەت داۋام قىلدى. بۇ ئۇچرىشىش مۇخبىرلاردىن مەخپىي ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، نېمە توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلمىدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدىن، بۇ ئۇچرىشىش توغرىسىدا بىر سىنئالغۇ كۆرۈنۈشى مۇخبىرلارغا تارقىتىلدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان دولماباغچە سارىيىدىكى ئىشخانىسىدا ھىلارىي كىلىنتون خانىمنى قوبۇل قىلدى. 2012-يىلى 11-ئاۋغۇست، ئىستانبۇل.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم ئەردۇغان بىلەن ئۇچرىشىپ بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئىستانبۇل تارابىيەدىكى ھابېر سارىيىدا ئۇچراشتى. مۇخبىرلارنىڭ كىرىشى رۇخسەت قىلىنمىغان بۇ ئۇچرىشىش 2 سائەت داۋام قىلدى.

س ن ن تۈرك تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇللاھ گۈل، كلىنتون خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا سۈرىيىدە ئېغىر پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول ئېچىلماسلىقى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان ھاكىمىيەتتە پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالغان ۋە سۈرىيىنىڭ بۆلۈنمەسلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم، ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىغا قايتتى.