ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئەنقەرەدە سۈرىيە توغرىسىدا يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىردى.

0:00 / 0:00

تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان گازىئانتەپ شەھىرىدە بىر كىچىك ماشىنىنىڭ ئىچىگە قويۇلغان بومبىنى پارتلىتىپ 9 كىشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى بەزى تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئانالىزچىلىرى تۈركىيىدە ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئىران دۆلىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، يەنى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۈركىيە ماتەمگە چۆمگەن بۇنداق بىر كۈندە تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىر يەرگە جەم بولۇپ، سۈرىيىدىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى چاقىردى. 23-ئاۋغۇست كۈنى ئەتىگەن باشلانغان بۇ يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا سۈرىيە توغرىسىدىكى 5 ماددىلىق لايىھە توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى كلىنتون بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىستانبۇلدا ئۇچرىشىپ سۈرىيىدىكى ئەسەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەرىكەت پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ئىدى. مەزكۇر يىغىندا ماقۇللانغان لايىھە قارارىغا ئاساسەن بۈگۈن ئەنقەرەدە سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

بۈگۈنكى يىغىندا سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشتىن قېچىپ تۈركىيىگە كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنى قانداق قىلىپ كونترول ئاستىغا ئېلىش ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇخبىرلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ يىغىندا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا سۈرىيە چېگراسىدا پاناھلانغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان بىخەتەر رايون قۇرۇش مەسىلىسى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى، سۈرىيىدىكى بىگۇناھ ئىنسانلارغا ياردەم بۇيۇملىرى يەتكۈزۈش مەسىلىسى، خىمىيىۋى قورال تەھدىتى ۋە ئەسەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سۈرىيىدە مۇقىملىقنى بەرپا قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

يىغىنغا تۈركىيە تەرەپتىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇئاۋىنى خالىت چېۋىك، ئامېرىكا تەرەپتىن باش ئەلچى ئەلىزابەت جونېس باشچىلىقىدىكى ھەيئەت قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر سىياسەتچى، خەۋپسىزلىك خادىملىرى ۋە ھەربىيلەردىن تەشكىل تاپقان ئىكەن.

تۈركىيە باشتىن تارتىپ سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلمەكتە. بۈگۈنگىچە سۈرىيىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كەلگەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 75 مىڭغا يەتكەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتوغلۇ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتسە تۈركىيىنىڭ بۇلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. شۇڭا تۈركىيە ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيىنىڭ زېمىنىدا پاناھلانغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەر رايون قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش شىددەتلەنگەنسېرى تۈركىيىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىمۇ كۆپەيمەكتە. بىر ئايدىن بېرى ھەر كۈنى دېگۈدەك تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مەيدانغا كەلمەكتە.

ئۇنداقتا بۈگۈن ئەنقەرەدە چاقىرىلىۋاتقان سۈرىيە توغرىسىدىكى يىغىندا نېمە قارارلار ماقۇللىنىدۇ؟ بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى در. مەمەت شاھىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئەنقەرەدە بۇنداق مۇھىم بىر يىغىن چاقىرىشىدىكى مەقسەت ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى سۈرىيىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى خالايدۇ. ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتىن سۈرىيىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ ئاسان بولمايدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئامېرىكىدا سايلام يېقىنلاشقانلىقىدىن ئامېرىكىنىڭ سۈرىيىگە قارشى ھەربىي ھۇجۇم ئېلىپ بارمايدىغانلىقى ئېنىق. ئوتتۇرا شەرقنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە قاراپ تۇرۇپ ئامېرىكا سۈرىيىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى تازا خالاپ كەتمەيدۇ. ئەمما سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى سۈرىيە توغرىلىق قارار چىقىرىشقا مەجبۇرلىماقتا. سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئىتىگە دەخلى-تەسىر ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇ يىغىنمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى».

ئۇ تۈركىيىنىڭ سۈرىيىدىكى ئەسەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئاچقۇچلۇق بىر دۆلەت. تۈركىيىنىڭ سۈرىيە بىلەن 900 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر چېگراسى بار. ئەسەتكە قارشى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر قىسمى تۈركىيىدە. تۈركىيىدىن پاناھلىق تىلەپ كەلگەن سۈرىيىلىكلەرنىڭ سانى 75 مىڭغا يەتتى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 100 مىڭغا يەتسە تۈركىيىنىڭ قېيىن ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىق تۈركىيىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈنمۇ خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا تۈركىيە سۈرىيە مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىيالايدۇ.»