سۈرىيىدە خەلق نامايىشى داۋام قىلغىنىغا بىر قانچە ئاي بولۇپ قالدى. سۈرىيە خەلقى دەسلەپتە سۈرىيىدە ئومۇمىي ئىسلاھات تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان بولسىمۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ھېچقانداق بىر ئىجابىي جاۋاب بولمىغاندىن كېيىن، بۇ نامايىش ئومۇميۈزلۈك سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى تەختتىن چۈشۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان جىددىي نامايىشقا ئايلانغان ئىدى.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئارقىسىغا قايتالمايدىغان تار كوچىغا كىرىپ قالغان. سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەسەد سۈرىيىدىكى ھاكىممۇتلەق ئەسەد ئائىلىسىنىڭ بېسىمى ئاستىدا، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان پەقەتلا بىر رەمزى بولۇپ قالغان. ئاساسلىق ھاكىمىيەت سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى ماھىر ئەسەدنىڭ قولىدا بولۇپ، نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش پەقەت ماھىر ئەسەدنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.
سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھازىرغا قەدەر سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەر ۋە ۋىلايەتلىرىدە ئومۇملاشقان خەلق نامايىشلىرىنى ۋە نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ كەتمىگەن، نامايىشچىلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىمۇ رەت قىلىپ كەلگەن. چۈنكى ئۇلار قورال كۈچىگە ھەممىدىن بەك ئىشەنگەنلىكتىن، ھەر قانداق بىر مۈشكۈلىنى قورال بىلەنلا ھەل قىلىپ كېتەلىشىگە ئىشەنگەن.
شۇ سەۋەبتىن ئۇلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇپلا كەلگەن. ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئەمدىلىكتە خەلقنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇپ بولالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولسىمۇ، قولىدىكى پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئىشلارنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلىپ يەتكەن.
شۇڭا سۈرىيە ھاكىمىيىتى نېمە قىلىشىنى بىلمەستىن گاڭگىراپ قالغان بىر ھاكىمىيەت بولۇپ مەيدانغا چىقماقتا ئىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيىسى تەركىبىدىن كۆپلىگەن ھەربىي قوماندانلار ئۆزلىرىنىڭ نامايىشچىلار سېپىگە ئۆتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ تۇرماقتا ئىكەن.
سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە «سالىھ ئېلى جۈمەسى» نامايىشى
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، بۈگۈن 17-ئىيۇن جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ دەمەشىق، ھامات، دەرئا، قامىشلى، بۇكامال ۋە شىمالىي رايونلىرىدا «سالىھ ئېلى جۈمەسى» نامايىشى كۆتۈرۈلگەن. سالىھ ئېلى سۈرىيىدىكى ئەسەد ئائىلىسى ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەش قىلغان ئۈلگىلىك شەخس بولۇپ، نامايىشچىلار شۇ كىشىنىڭ نامىنى ۋە ئىنقىلابىي پائالىيەتلىرىنى تىرىلدۈرۈش نىيىتى بىلەن بۇ جۈمەنى شۇنداق دەپ ئاتىغان ئىكەن.
نامايىشچىلارنىڭ ئىرادىسى كۈچەيمەكتە
سۈرىيىلىك نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان ھۈسەين ئەۋدات دېگەن كىشى «ئەل جەزىرە»تېلېۋىزىيە قانىلىغا 17-ئىيۇن كۈنى بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئۆتكەن ھەر قايسى جۈمە كۈنلىرىدىن چوڭ كۆلەملىك نامايىش سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرى، شەھەرلىرى ۋە ناھىيىلىرىدە داۋام قىلماقتا. يەنە ئىلگىرىكىدەكلا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش، ئۆيلەرنى ئاختۇرۇش، ئاياللارنى، بالىلارنى ۋە ياشانغانلارنى قورقۇتۇش جىنايەتلىرى سۈرىيە ساقچىلىرى ۋە ئارمىيىسى تەرىپىدىن سادىر بولماقتا. ھەتتا تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەن ئائىلىلەرمۇ ھەر تۈرلۈك ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە، قىز-ئاياللار باسقۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا. بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن ساقچىلار قىلىۋاتماقتا. بىزنىڭ ئارقىغا چېكىنىشىمىز يوق، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭمۇ چېكىنىشى يوق. چۈنكى ئىشلار بۇ دەرىجىگە يەتكەندىن كېيىن خەلق ھەرگىز جىم ياتمايدۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىمۇ خەلقنى چىرايلىق ۋەدىلىرى بىلەن قاندۇرالمايدۇ ھەم قىلاي دېسىمۇ قىلالمايدۇ. شۇڭا بىز يولىمىزدىن قايتمايمىز، ئاخىرقى غەلىبىنى قولىمىزغا كەلتۈرمەستىن بولدى قىلمايمىز.»