ھەر قايسى شەھەرلەردىكى نامايىشچىلار بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، بۈگۈنكى نامايىشنى ھەل قىلغۇچ نامايىش دەپ قارار قىلغان ۋە بۇ كۈننى «ئەسەد ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش جۈمەسى» دەپ ئاتىغان.
تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى نامايىشچى خەلقنى باستۇرۇش ئىشىدا يېڭىلگەندىن كېيىن، خۇدىنى يوقاتقان بولۇپ، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشتىن باشقا يولنى تاللىيالمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوققا تۈتىشىدىن قېچىپ تۈركىيىگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان سۈرىيىلىكلەرنى سۈرىيە ئارمىيىسى ئارقىدىن قوغلاپ يوقاتماقچى بولغان، ھەتتا سۈرىيە ئارمىيىسى تۈركىيە چېگراسىغا 15 كىلومېتىر قالغان جايلارغىچە ئىلگىرىلەپ بېرىپ، سۈرىيىدىن تۈركىيىگە ئۆتۈپ پاناھلانماقچى بولغانلارنى قوغلىغان. بۇ ۋەزىيەت تۈركىيە تەرەپنى غەزەپلەندۈرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلارى كلىنتون سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئۇرۇشىغا سەۋەب بۆلىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەرلەرگە كۆرە، ياۋروپا ئىتتىپاقى سۈرىيە مەسىلىسى توغرۇلۇق مەخسۇس يىغىن چاقىرغان. بىر تەرەپتىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە پاناھلانغان سۈرىيىلىكلەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، سۈرىيىلىكلەر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سۈرىيىگە قايتىشنى رەت قىلغان ۋە ئۇلار تۈركىيىنىڭ «يايلا تېغى» دېگەن يېرىدە، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان.
مىسىر تېلېۋىزىيىسى سۈرىيىدىكى 2011-يىلى 24-ئىيۇن جۈمە كۈنىدىكى نامايىشلارنى نەق مەيدان كۆرسەتكەن. سۈرىيىلىك نامايىشچىلار نامايىشلىرىدا «ئەسەد ھاكىمىيىتى تەختتىن چۈشسۇن! بىز ئۇنى خالىمايمىز» دېگەن جۈملىنى تەكرارلىغان. مىسىر تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۈرىيىدە نامايىش باشلانغىنىغا 100 كۈندىن ئاشقان. سۈرىيىلىكلەر دەسلەپ نامايىشقا چىققىنىدا پەقەت سۈرىيىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەلىپى بىلەن نامايىش قىلغان بولسىمۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىغان، سۈرىيىدىكى چېرىكلىك شۇ بويىچە داۋام قىلغان، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ نامايىشچىلارغا بەرگەن چىرايلىق ۋەدىلىرىدىن بىرىمۇ ئەمەلگە ئاشمىغان. ئۇنى ئاز دەپ سۈرىيە ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتۇش ۋە تۇتقۇن قىلىشنى توختاتمىغان، ھەتتا جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە پاناھلانماقچى بولغانلارنىمۇ ئارامىدا قويماستىن، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بارغان. بۇ ۋەزىيەتتە سۈرىيە خەلقى 2011-يىلى 24-ئىيۇن جۈمە كۈنىنى «ئەسەد ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بېرىش جۈمەسى» دەپ ئاتاپ ئومۇميۈزلۈك نامايىشقا چىققان. نامايىش جەريانىدا يەنە سۈرىيە ساقچىلىرى ۋە ئارمىيىسى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشنى داۋام قىلدۇرغان.