لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق»گېزىتىنىڭ 2011-يىلى 23-سېنتەبىر جۈمە كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن جۈمە نامىزىدىن كېيىن سۈرىيىنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ئومۇميۈزلۈك چوڭ نامايىش كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامايىشچىلار ئۆز-ئارا بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى نامايىشنى «ھاكىمىيەتكە قارشى بىرلىشىش» دەپ ئاتاشقان. نامايىشچىلارغا قارىتا سۈرىيە ساقچىلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە ئونلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇنلىرى يارىلانغان.
سۈرىيە ئادالەت پارتىيىسىنىڭ باش كاتىپى ئەنەس تاھا 2011-يىلى 23-سېنتەبىر جۈمە كۈنى قاتارنىڭ«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا قاھىرە شەھىرىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيە ئارمىيىسى تۇنىس ۋە مىسىر ئارمىيىسىگە ئوخشاش خەلقنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى. شۇ سەۋەبتىن سۈرىيە نامايىشىنىڭ مېۋە بېرىشى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى. بىز پەرەز قىلغاننىڭ ئەكسىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى بىلەن ساقچىلىرى خەلق تەرەپكە ئۆتمىدى، ئۇلار ھازىرمۇ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى مۇداپىئە قىلىش بەدىلىگە خەلقنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇپ كەلدى. بىراق، بۇ كېلىشمەسلىك نامايىشچىلارنىڭ روھىنى چۈشۈرمىدى ياكى ئۈمىدىنى يوقاتمىدى. چۈنكى ئاخىرقى غەلىبە خەلققە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ھەممە ياخشى بىلىدۇ. سۈرىيىدىكى خەلق ئىنقىلابى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ، غەلىبە قىلغاندىمۇ مىسىر ۋە تۇنىسلاردىكىگە ئوخشاش ئەمەس، بەلكى تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىپ، ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسىگە خاتىمە بېرىدۇ. بۇنىڭغا ئىمانىمىز كامىل. بۇ غەلىبىنىڭ بېشارەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ھازىر سۈرىيە ھاكىمىيىتى قورال كۈچى جەھەتتە كۈچلۈك بولغىنى بىلەن روھىي مەنىۋىيەت جەھەتتە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىماقتا. چۈنكى ئۇنى قوللايدىغان چوڭ دۆلەتلەر ھازىر ئەمدى ئۇنىڭغا ئارقىسىنى قىلماقتا. خەلقنىڭ مەنىۋىيىتى بارغانسېرى ئاشماقتا، ئۆلتۈرۈلۈش، تۇتقۇن قىلىنىش دېگەنلەرنى نامايىشچى خەلق كىچىك سانايدىغان ۋە ئۇنىڭدىن قورقمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئەكسىچە، سۈرىيە ھاكىمىيىتى خەلقنى تەھدىت قىلىش جەھەتتە ئاجىزلىشىپ قالغان. ئۆلتۈرۈش، تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۇرۇپ دۇمباللاش بىلەن خەلقنى توختاتقىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن. سۈرىيە ئارمىيىسىمۇ خەلقنىڭ بالىلىرى ئۇلارنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوغداپ ئاخىرغىچە تۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. كازافىي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆرۈلگەنلىكى سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ پات يېقىندا ئۆرۈلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.»