«سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر» ناملىق يىغىن تۈركىيەدە رەسمىي باشلاندى

ئەرەپ بىرلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن 6 - ئاينىڭ 22 - 23 - كۈنلىرى قاھىرەدە ئېچىلىدىغان سۈرىيە يىغىنىدىن بۇرۇن سۈرىيىلىك ئۆتكىچىلەر ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولدى.

0:00 / 0:00


ئىستانبۇل كونرات مېھمانخانىسىدا باشلانغان بۇ يىغىنغا سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر، ئامېرىكىلىق سۈرىيىنىڭ دوستلىرى ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى مەسئۇللىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشماقتا. يىغىن مۇخبىرلارغا يېپىق ئېچىلماقتا بولۇپ، سۈرىيە مىللى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مەخمۇت ئوسمان ئەپەندى مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى قېتىملىقىنىڭ 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىستانبۇلدا چاقىرىلغانلىقىنى، ئۇ يىغىندا سۈرىيە خەلقىغە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قانداق بىر سۈرىيە قۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاتقانلىقىنى، دۇنياغا دېموكراتىك، دېموكراتىيىگە ئىشىنىدىغان خەلقنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ھۆكۈمەت قۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى دېدى.

مەخمۇت ئوسمان ئەپەندى بۈگۈن، يەنى 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئىستانبۇلدا باشلىغان يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

«بەشىر ئەساد ھاكىمىيىتى گۇمران بولاي دەپ قالدى. شۇڭا سۈرىيىلىكلەرنىڭ دوستلىرى ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئەساد ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلىدىغان ھۆكۈمەت ۋە بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ پىلان تۈزمەكچى. بۇلاردىن باشقا ئەساد ھاكىمىيىتى بومباردىمان قىلىۋاتقان رايونلاردا ئاچ سۇسىز قالغان كۆپ ساندا ئىنسان بار، بۇ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ياردەم بويۇملىرى يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز. بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچىمىز».

ئۇ باياناتىدا ئەساد ھاكىمىيىتىنىڭ كوفى ئاننان پىلانىغا ھېچ رىئايە قىلمىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىزىدا كوففى ئاننان پىلانىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى، ئەكسىچە بىگۇناھ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىنى، تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىپ سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىن، شۇنداقلا سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئەرەپ دۇنياسىنىڭ شۇنداقلا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشى قاتارلىقلار ھەققىدە جىددە رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى سىراجىددىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.