2012-يىلى 27-فېۋرال كۈنى سۈرىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنىڭ رەسمىي خەۋىرىدە، سۈرىيىدە مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتىدە 89 پىرسەنت خەلقنىڭ سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ نەتىجىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.
ھەتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، سۈرىيىدە مەجبۇرى ئېلىپ بېرىلغان بۇ راي سىناشنىڭ پەقەت ۋاقىتنى زايە قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 28-فېۋرال سەيشەنبە كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيىدە خەلق رايى سوراش كۈنىدە 65 ئادەم ئۆلتۈرۈلدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«26-فېۋرال كۈنى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئاتالمىش يېڭى قانۇنغا خەلق رايىنى سوراش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، شۇ كۈنىمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈشنى توختاتمىغان ۋە ھومس، ھامات شەھەرلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئىچىدە 5 نارەسىدە بالىنىڭ بارلىقى دۇنيانىڭ غەزىپىنى يەنە بىر قېتىم ئۆرلەتتى. سۈرىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ساختا رايى سىناشنى تەشۋىق قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى توختاتمىغان، ھومس شەھىرىنى 24 سائەت توختىماي بومباردىمان قىلغان. خەلق رايىنى سىناش ھەرىكىتى بولغان كۈنى دەمەشق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن سۈرىيە تەۋەسىدە بولغان نامايىش ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بۇنداق بىر ئەھۋالدا ھەممە خەلق ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىشتا تۇرسا، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان رايى سىناشقا قايسى خەلق ئاۋاز بەرگەن؟ قانداقمۇ 89 پىرسەنت ئادەم ئاۋاز بەرسۇن؟ بۇ ئەقىلگە سىغامدۇ؟»
ساختا نەتىجە ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ
لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 28-فېۋرال كۈنىدىكى سانىدا، «سۈرىيىدە يېڭى دەستۇرغا خەلق رايى سىناشنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى» دېگەن تېمىدا مۇنداق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان:
«سۈرىيە خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئاتالمىش يېڭى قانۇنغا خەلق رايىنى سوراش ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرغان ۋە ئاۋاز بەرمەسلىككە كېلىشكەن تۇرسا، بۇ 89 پىرسەنت ئاۋاز نەدىن كېلىپ قالدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەد ھاكىمىيىتى خەلقنى بومباردىمان قىلىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمىغان تۇرسا، قايسى خەلق ئۇلارغا ئاۋاز بەردى؟ بۇ راستىنىلا مەسخىرىلىك بىر ئىش بولغان. سۈرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد شوئارنىڭ ‹نۆۋەتتىكى خەلق رايىنى سوراش پائالىيىتىگە 57 پىرسەنت سۈرىيىلىك ئىشتىراك قىلدى› دېگەن باياناتى تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغان. ئەمما سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر بۇ ساننىڭ يالغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا كېچىكىپ قالمىدى. ئۇلار ئاتالمىش 89 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن ئاتالمىش 57 پىرسەنت ئىشتىراك قىلىشنىڭ تامامەن يالغان ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. خۇسۇسەن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىشلىرىنى توختاتمىغان ۋىلايەتلەردىكى خەلقنىڭ بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئويۇنىغا ئاۋاز بەرمىگەنلىكى ئېنىق.»
