خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سۈرىيىنى ئەيىبلىدى

سۈرىيىدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ خەلققە سالغا جەۋرى-زۇلۇملىرى كۈندىن-كۈنگە ۋەھشىيلىشىپ كېتىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى سادالار ياڭرىماقتا.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2012.05.24
suriye-namayish-yarilanghan-xelq-305.jpg ساقچىلار نامايىشچىلارنى باستۇرۇش جەريانىدا يارىلانغان كىشىلەر. 2012-يىلى 9-فېۋرال، سۈرىيە.
AFP

ئەرەب دۆلەتلىرى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئەرەبلىكتىن چىقىپ، ئىراننىڭ خەلقنى قىرىدىغان قورالىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئەرەبلەرنىڭ ئەمەس، بەلكى رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭلا سۆزىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل يەۋم» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 24-ماي كۈنىدىكى سانىدا، «ئىنسان ھەقلىرىنى مۇداپىئە قىلىدىغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلىدى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ نامايىشچىلاردىن قولغا ئېلىنغانلارنى ئىنسانلىقتىن چىققان ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرگەنلىك قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. تەشكىلاتنىڭ تۈنۈگۈن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2011-يىللىق دوكلاتىدا، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سۈرىيىدە تىنچلىق بىلەن نامايىش ئېلىپ بارغان بىگۇناھ خەلقتىن نۇرغۇنلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىلەرگە تاشلىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى توك بىلەن كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش، تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆمۈش، تاياق بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش ۋە پىچاق بىلەن تىلىپ ئۆلتۈرۈشتىن تارتىپ ئىنساننىڭ ئەقلىگە كەلمىگەن ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى قاتتىق ئەيىبلەنگەن ۋە بۇ قىلمىشلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كەچۈرگۈسىز جىنايەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. دوكلاتتا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە نۇرغۇن مىساللار ۋە ئەمەلىي ئىسپاتلار ئاي، كۈنى ۋە ۋاقتى-سائىتى بىلەن كەلتۈرۈلگەن.»

ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى ئىسپاتلىغان دەلىللەر

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دوكلاتتا، سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلىكىگە بەزى مىساللار كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن: سۈرىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بانياس رايونىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە نامىنى ئاتاشنى خالىمىغان بىر پۇقرانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈرمىدە 3 كۈنگىچە ئارىلىقسىز قىيىن-قىستاقلارغا ئېلىنغان، گۇندىپايلار ئۇنىڭ كىيىملىرىنى سالدۇرۇپ، قىپ-يالىڭاچ قىلىپ تۇرۇپ قىينىغان، ھەتتا ئۇنىڭ يەرگە ئاققان قېنىنى يالىغىلى سالغان. ھەمس شەھىرىدە تارىق زىياد دېگەن كىشى 2011-يىلى 29-ئاپرېل كۈنى تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇنىڭ جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان. ئۇنىڭ جەسىتىدە كۆيۈك ۋە تاياق ئىزلىرى، ھەتتا پىچاق بىلەن تىلغان ئىزلار بايقالغان. ھەتتا چەتئەللەردە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى نامايىش قىلغانلارنىڭ سۈرىيىدىكى ئائىلىسىنى ۋە تۇغقانلىرىنى قىيىن-قىستاقلارغا ئالغان. مۇندىن باشقا مىساللار كۆپ. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا كۆرە، سۈرىيە تۈرمىلىرىدە ئۆتكەن بىر قانچە ئاي ئىچىدە 200دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ قىيناش سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان. تۈرمىدىكىلەرلا ئەمەس، ھەتتا ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ نامايىش قىلىشقا قوشۇلمىغان پۇقرالارمۇ نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان. سۈرىيە شەرقىدىكى دىرۇزۇر شەھىرىدە 14 ياشلىق مۇھەممەد مۇلى ئىسا دېگەن بالىنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ نامايىش قىلىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقى بۇنىڭ مىسالىدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.