بەشار كرىزىسى يۇقىرى پەللىگە يەتتى

سۈرىيە خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا تۈركىيىنىڭ مەشق قىلىۋاتقان ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ناتونىڭ نىزامنامىسى بۇيىچە، ئەزا دۆلەتلەردىن جىددىي مەسلىھەت ئېلىشقا كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر بەشار كرىزىسى يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

0:00 / 0:00


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئەنقەرەدىن بايان قىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سۈرىيە خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا، تۈركىيىنىڭ مەشق قىلىۋاتقان ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. تۈنۈگۈن كېچىدە، 200 دىن ئارتۇق سۈرىيە پۇقراسى ۋە سۈرىيىنىڭ 33 ئەسكىرى تۈركىيىگە قېچىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 33 مىڭدىن ئاشتى. سۈرىيىدىن يۈز ئۆرۈپ تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 224 كە يەتتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېنېرال، كالونىيال دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار بار. تۈركىيىگە قېچىپ كەلگەن بۇ سۈرىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر تۈركىيىنىڭ سۈرىيىگە چېگرىداش بولغان ھاتاي ئۆلكىسىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ھازىر سۈرىيە دائىرىسىدىمۇ، ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆكتىچى كۈچلەرگە - سۈرىيە ئازادلىق ئارمىيسىگە ياكى باشقا قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارغا قاتنىشپ، بەشار ئاسادقا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۈرىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى مىڭدىن ئاشتى. سۈرىيە ئەسكەرلىرى ھازىر سۈرىيە ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئەسكەر ئېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى. سۈرىيىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى ئەسكەرلىرىمۇ ھازىر قەھەتچىلىككە بەرداشلىق بېرەلمەي، تۈركىيىدە پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا قورال ئەتكەس قىلىش ۋە ئۇلاردىن ئۆزلىرى ئۈچۈن يېمەك توپلاشقا كىرىشتى.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ بىر ئۇرۇشچى ئايروپىلانى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا مەشىق قىلىۋاتقاندا سۈرىيە تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. بۇ ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرى ھازىر ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ تېگىدە )بىرمىڭ ئۈچ يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتا( ساقلىنىپ تۇرماقتا. بۇ ئۇرۇشچى ئايروپىلاندىكى ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ تېخىچە ئىز - دېرىكى يوق. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ بۇ F - 4 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانى مەشىق قىلىۋاتقاندا، سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغاچقا قىسقا ۋاقىت كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويۇپ، سۈرىيە دېڭىز تەۋەسىگە كېرىپ قېلىپ يەنە دەرھال تېز قايتىپ چىققان. ئۇنىڭ ھېچقانداق ئۇرۇش قىلىش ياكى رازۋىت قىلىش ۋەزىپىسى يوق.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېللارى كىلىنتون تۈركىيە ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى خەلقئارا بوشلۇقتا ئېتىپ چۈشۈرگەن سۈرىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنى، چېكىدىن ئاشقان ئۆكتەملىك، قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكەت دەپ جاكارلىغان. خىتاي بولسا، تۈركىيە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى، زىددىيەتنى دەرىجە ئۆرلەتمەي، دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشى لازىم دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋەقەدىن كېيىن تۈركىيە كابىنتى سۈرىيىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىپ، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەردىن جىددىي مەسلىھەت ئېلىشنى قارار قىلغان. ناتو نىزامنامىسىنىڭ 4 - ماددىسىدا، ناتونىڭ مەلۇم بىر ئەزاسىنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىسا، پۈتۈن ناتو ئەزالىرىنى چاقىرىپ جىددىي مەسلىھەت ئېلىش ھوقۇقى بار، دەپ بەلگىلەنگەن ئىدى. ناتو ھازىر تۈركىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بريوسسېلدا ناتو ئەزالىرى يىغىنى ئېچىپ، تۈركىيىنىڭ تەلىپىنى قانداق قوللاشنى مۇزاكىرە قىلماقچى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر بەشار كرىزىسى يۇقىرى پەللىگە يەتتى.

خىتاينىڭ «يەر شارى تور گېزىتى» سۈرىيىنىڭ تۈركىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ھەققىدە بۈگۈن ئوبزور ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «ناتو نىزامنامىسى» نىڭ 5 - ماددىسىدا يەنە، ناتونىڭ ھەر قانداق بىر ئەزاسىنىڭ ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى - پۈتۈن ناتونىڭ ئۇچتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ماددىغا ئاساسەن ئېيتقاندا، سۈرىيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدا 15 ئايدىن بۇيان جىددىيلىك ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. ئەسلىدىلا ھەربىي كۈچى ئاجىز سۈرىيە بۇ قېتىم ئۆزىنى چاغلىماي ھەربىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان تۈركىيىگە چېقىلىپ قويدى. گەرچە ھازىر ناتو چۇقۇم سۈرىيە مەسىلىسىگە ئارىلىشىش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىدۇ دېگىلى بولمىسىمۇ، ئەمما سۈرىيە مەسىلىسىنىڭ تۈگۈنى بولغان بەشارنى تەختتىن چۈشۈرۈش ياكى چۈشۈرمەسلىك مەسىلىسى ھازىر، پەقەت چەتنىڭ ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ياكى ئارىلاشماسلىقىغىلا باغلىق مەسىلە بولۇپ قالدى دېگىلى بولىدۇ.

بۇ ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە يەنە، سوۋېت ئىتتىپاقى يېمىرىلگەندىن كېيىن، سۈرىيە ئامېرىكىنىڭ تازىلاش نىشانىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە. سۈرىيىدە بەشار ھاكىمىيىتى ئۆز خەلقىنى باستۇرۇشقا باشلىغان 15 ئايدىن بۇيان، تۈركىيە بەشار ھاكىمىيىتىگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ قالغان ئىدى. دېموكراتىيىنىڭ مىسىردىكى غەلىبىسى بەشار ھاكىمىيىتىگە قاتتىق زەربە بولدى. گەرچە خىتاي سۈرىيە مەسىلىىدە غەرب ئەللىرىگە قارشى تۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ پايدىسىنى پەقەت رۇسىيىلا كۆردى، خىتايغا ھېچقانداق مەنپەئەت تەگمىدى، ئەمدى سۈرىيە 900 كىلومېتىرلىق چېگرىسى بار تۈركىيە بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالسا، رۇسيە داۋاملىق تۈردە سۈرىيە تەرەپتە تۇرۇۋەرمەسلىكى مۇمكىن، ئەمدى خىتاي دەرھال ئۆزىنى قاچۇرمىسا بولمايدۇ.

ئانادولۇ ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن تۈركىيە ئېنىرگىيە مىنىستىرى تانەر يىلدىز سۈرىيىنى تەمىنلەيدىغان ئېلىكتىرنى توختىتىدىغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈمەتكە سېگنال بەردى. تۈركىيە ھەر يىلى سۈرىيىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەب ئىككى مىليون كىلوۋات ئېلىكتىر قۇۋىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، دېمەك، سۈرىيە قوللىنىۋاتقان ئېلىكتىر قۇۋىتىنىڭ 10% ى تۈركىيىدىن كېلەتتى. بۇ، تۈركىيىنىڭ خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى سۈرىيە ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىگە قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىرى بولۇشى مۇمكىن. تۈركىيە ھازىر ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە دائىمى ئەزا دۆلەتلەر بىلەنمۇ سۆزلىشىۋاتىدۇ.