تۈركىيە بۈگۈن يەنە بۇنىڭدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئايروپىلانى ۋە ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن ئىدى، سۈرىيە ئۇنىڭغىمۇ ئوق چىقاردى. بۇ ۋەقە دەرھال خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيە بۈگۈن يەنە تۈركىيىنىڭ ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىغا ئوق چىقاردى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، 6 - ئاينىڭ 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تۈركىيىنىڭ F - 4 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانى خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا مەشق قىلىۋاتقاندا، سۈرىيە تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. ناتوغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بۈگۈن 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بريۇسسېلدا يىغىن ئېچىپ، ناتونىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيىنىڭ ئۇرۇشچى ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن سۈرىيىنى بىردەك ئەيىبلىدى.
«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنتى سۈرىيە ئېتىپ چۈشۈرگەن F - 4 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايروپىلانى ھەققىدە يەتتە سائەت يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى بۈگۈن، بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن ئۇرۇشچى ئايروپىلاننىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ۋە ئايروپىلان پارچىلىرىنى تېپىش ئۈچۈن يەنە بىر ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىنى ئەۋەتكەن ئىدى. سۈرىيە يەنىلا تۈركىيىنىڭ بۇ قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىغا ئوق چىقاردى. گەرچە تۈركىيە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن ئېتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما سۈرىيىنىڭ تۈركىيە بىلەن دۈشمەنلىشىش خاھىشى تۈركىيىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلەتتى ۋە يەنە بىر قېتىم دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ بايان قىلىشىچە، ناتو كوماندىرى ئاندىرس راسمۇسسىن بۈگۈن بريۇسسېلدا ئېچىلغان ئاخبارات يىغىنىدا، سۈرىيىنىڭ ناتونىڭ ئەزاسى بولغان تۈركىيىنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى - سۈرىيىنىڭ تېخىچە خەلقئارا قائىدە، تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە ئىنسان ھاياتىغا سەل قاراۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر تېپىك مېسالى، سۈرىيە قوللانغان بۇ ھەرىكەتنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ئەنگىلىيىدىكى نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ۋين رىيس مۇخبىرلارغا، تۈركىيە مۇسئۇلىيەتچان دۆلەت، ئۇنىڭ ئۇرۇش قوزغاش مەقسىتى يوق، بۇ مەسىلىدە ناتوغا ئەزا ھەممە دۆلەت تۈركىيىنى قوللايدۇ دەپ جاكارلىدى.
«ب ب س» نىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ بۈگۈن ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە، سۈرىيە بىزنىڭ ئايروپىلانىمىزنى مەقسەتلىك ھالدا لازىر نۇرى قوللىنىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى، دەپ بايان قىلغان ئىدى، سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جىھات ماكدىسى ئۇنى رەت قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ئايروپىلانى ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىدىغان توپ بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، ئەگەر ئۇ ئايروپىلان خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا بولغان بولسا، توپ ئوقى ئۇنىڭغا تەگمەيتتى، دەپ جاكارلىدى.
«بىرلەشمە ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن، تۈركىيە ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىك مەسىلىسىدە سۈرىيە جاۋابكار، ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە تۈركىيە ۋە باشقا ناتو دۆلەتلىرىگە ياردەملىشىدۇ دەپ جاكارلىغان ئىكەن.
ۋىكى ئىنىسكلوپىدېيىسىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە بىلەن سۈرىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىللادىن بۇيان بەزىدە ياخشى، بەزىدە جىددىي بولۇپ كەلمەكتە. 1938 - يىلى سۈرىيىنىڭ خاتاي ئۆلكىسى فرانسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، سەككىز ئاي ئۆتكەندە تۈركىيىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۇ تەقسىماتى مەسىلىسىدە جىددىيلىك يۈز بەرگەن. تۈركىيە جەنۇبىي ئانادولۇدا چوڭ سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارغاندا، سۈرىيە كۇرت كوممۇنىست پارتىيىسى (pkk) نى قوللاپ پاراكەندىچىلىك سالغان.
سۈرىيە ئاخىرى خەلقئارانىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، دەمەشقتە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان كۇرت كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ داھىسى ئابدۇللا ئوجالاننى 1998 - يىلى سۈرىيىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن سۈرىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان، ھەتتا 2004 - يىلىغا كەلگەندە تۈركىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان.
بۇنىڭدىن 15 ئاي بۇرۇن، سۈرىيىدە مۇستەبىتلىككە قارشى دېموكراتىك نامايىش پارتلىغاندا، دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى خەلق قوراللىق باستۇرۇلۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، تۈركىيە بىلەن بەشار ئاساد ھۆكۆمىتى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت ئۇلغايدى. تۈركىيە ھازىر 30 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا پاناھلىق بېرىپ بېقىۋاتىدۇ.
0:00 / 0:00