سۈرىيە ۋەزىيىتىگە دائىر يېڭى ئۇچۇرلار

سۈرىيىدە ھازىر ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى ئېغىرلاشتى. ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالايدىغان يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاش جەھەتتە ئىختىلاپ چىقتى.

0:00 / 0:00

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى ناۋى پىللاي خانىم سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك كرىزىسى ئېغىرلاپ كەتتى دەپ جاكارلىدى ۋە ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت ياغدۇرۇۋاتقان سۈرىيە ھەربىي قىسىملىرىنى، سۈرىيىدە خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىدىغان بۇ كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرگەن ھەم رىغبەتلەندۈرۈۋاتقان رۇسىيە بىلەن خىتاينى ئەيىبلىدى.

سۈرىيە ئىنقىلابى كومىتېتى دېگەن تەشكىلاتنىڭ تەركىبىدىكى بىر قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىنىڭ يېتەكچىسى ھادى ئابدۇللانىڭ فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا بايان قىلىشىچە، ھومىس شەھىرىگە قوشنا بولغان بابائەمر شەھەرچىسىمۇ، بۈگۈن بەشر ئاساد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، شەھەر ئاھالىلىرىدىن 6 ئادەم ئۆلدى، كۈپ ئادەم يارىلاندى. ئاساد قىسىملىرى بالىلار يېمەكلىكى توشۇۋاتقان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىمۇ توپقا تۇتتى، ھازىر بۇ شەھەردە كېسەللەرنى ۋە ئېغىر ئاياق ئاياللارنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن قېيىن.

ئەنگلىيە كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ ھومىس بىلەن بابائەمىرگە، بەشر ئاساد قىسىملىرىنىڭ راكېتا ئوقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مىنۇتتا ئۈچتىن چۈشۈۋاتىدۇ. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىلىرى ھازىر جىددىي ياردەمگە موھتاج.

ئانادولۇ ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بۈگۈن ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، تۈركىيىگە بىر چوڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلگەن چېخ پرېزىدېنتى ۋاكلا كلاۋس بىلەن بىرلىكتە، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئاساد دەرھال سۈرىيىدىن چىقىپ كەتسۇن دەپ جاكارلىدى. تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈلنىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيىدە پات يېقىندا چوڭ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى مۇقەررەر، تۈركىيە ھازىر سۈرىيىدە پەيدا بولغان ھەر قانداق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەييار.

ب ب س نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەرەب بىرلىكى 2‏-ئاينىڭ 12-كۈنى، ب د ت غا ئەرەب بىرلىكىگە سۈرىيىدە بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىشىغا ھوقۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ھەققىدە قارار ماقۇللىغان ئىدى. ئەتىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلىكىگە ئىككى نەپەر پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتكەن، خىتاينىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى لى خۇشىن ئەرەب بىرلىكىگە يېقىنلىشىش ئۈچۈن، ب د ت نىڭ ئەرەب بىرلىكى يوللىغان لايىھە بويىچە سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارارىنى خىتاينىڭ ۋىتو قىلغانلىقى، ئاساد ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىق ئەمەس، خىتاي ئەمەلىيەتتە ئەرەب بىرلىكىنىڭ سۈرىيىگە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ئەۋەتىش تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، دەپ ئىزاھات بەرگەن ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بېرلىندىن بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگىلا مىركېل بۈگۈن گېرمانىيىگە كەلگەن ئەرەب بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئارابىي بىلەن كۆرۈشكەندە، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان نېفىت ئىمبارگوسىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى، ياۋروپا بىرلىكى ئەمدى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا سۈرىيىنى جازالايدىغان، مەسىلەن، سۈرىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدىكى مۈلكىنى توڭلىتىش، سۈرىيىنىڭ سودا ئايروپىلانلىرىنىڭ ياۋروپاغا كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق چارىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر يۈرۈش يېڭى تەدبىر قوللىنىدۇ، ھازىر سۈرىيىنىڭ 38 شىركىتى ۋە 108 نەپەر خادىمى قارا تىزىملىككە ئېلىنىپ بولدى، دەپ ئۇقتۇرغان.

خىتاي «سىنا» تور گېزىتىنىڭ بۈگۈن ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى يېقىنلاپ قالدى دەپ قارايدۇ، شۇڭلاشقا خىتاي سۈرىيە مەسىلىسىگە، رۇسىيىنىڭ دۇنيا بىلەن سۈرىيىدە قارشىلىشىش پىلانىغا ئوخشىمايدىغان پىلان قوللىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر سۈرىيە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئىرانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، يېڭى چېگراغا «ئۇچار يىلپىز» بەلگىلىك ھاۋا قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان. ۋاقتى كەلگەندە خىتاينىڭ سۇ-27 بەلگىلىك ئىلغار ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى پاكىستان ئارقىلىق ئىرانغا بېرىپ، ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىغا ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

«سىنا» تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي بۇ پىلان ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىكى ئىرانغا نېفىت ئىمبارگوسى جاكارلاپ، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيىلەرنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرى ھورمۇس قولتۇقىغا كىرگەندە، خىتاي ئىراننىڭ ھورمۇس قولتۇقىنى تاقاش پىلانىنى قوللىمىغان، بۇ تەدبىر ئارقىلىق ئوبامانى قوللىغان، شۇنىڭ بىلەن ئوباما ئىراندىن خاتىرجەم بولۇپ، ئىران مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىش مۇمكىن، دەپ جاكارلاپ، قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلىنىشقا ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىكەن.