ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش بولۇۋاتقان سۈرىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىشقا باشلىدى

جۈمە كۈنى سۈرىيىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارغا پەرۋا قىلماي 10 مىڭلىغان خەلق قوزغىلىپ چىقىپ ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش قىلدى.

0:00 / 0:00

سۈرىيىدە دەمەشىقتىكى «جامىئە ئەبۇنۇر» ئىسىملىك مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ماھىرە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئوغلى نامايىشتا ئۆلۈپ كەتكەن. مەكتەپتە ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان، سۈرىيىدىكى پۈتكۈل مەكتەپلەردە دەرس توختاپ كەتكەن. ئۇيغۇر قاتارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىن ياخشى قاراپ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغان. ئەمما مەكتەپتە ئوقۇش توختاپ كەتكەن بولۇپ بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. يەنە بىر قانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ يېقىندا قايتىپ كېتىدىكەن.

ئاناتولىيە ئاخباراتىنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مۇھاسىرىگە ئېلىنغان دارا شەھىرىدىكى خەلقنى قوللاپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە ھاكىمىيەتكە قارشى توپلانغان مىڭلىغان كىشى دەمەشىقنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى ساقبا رايونىدا چوڭ بىر نامايىش باشلىدى. نامايىشنى كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش توغرىسىدا شوئار تولىغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، ھۆرىيەت! ھۆرىيەت، ئىنقىلاب!!! ئىنقىلاب!!! يا ئىسلاھات يا ئۆلۈم دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار توۋلىغان.

سۈرىيىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىڭلىغان سۈرىيىلىكنىڭ دېڭىز ساھىلىغا جايلاشقان بانياس شەھىرىنىڭ كوچىلىرىنىڭ نامايىشچىلار بىلەن لىق تولغانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلار ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىش توۋلىدى. سۈرىيىنىڭ خۇمۇس رايونلىرىدىمۇ نامايىش باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەنى كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىر شاھىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لازىقىيىدە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئاتقانلىقىنى نەتىجىدە ئەڭ ئاز دېگەندە 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. لازىقىيىدە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رويتېرس ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىنغان دارا شەھىرىدىكى خەلق مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، سۈرىيە ئەسكەرلىرى خەلققە قارىتىپ ئوق ئاتقان نەتىجىدە 15 كىشى ئۆلۈپ 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان. سۈرىيىدە مارت ئېيىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا ھازىرغىچە 450 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ سۈرىيىدىكى پائالىيەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغان ۋە سۈرىيىگە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇچۇرلار يەرلىك خەلقنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئاخشام گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سەردار ئاقىننىڭ دەمەشىقتىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، دەمەشىق ئەتراپىغا يېقىن رايونلاردا نامايىش بولۇۋاتقانلىقى ئەمما سۈرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىقنىڭ سۈكۈت ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز سۈرىيىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە سۈرىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سۈرىيىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.

سۈرىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، سۈرىيىدە ھازىر پەرزەنتلىرىنى ئوقۇۋاتقان ئۈچ ئائىلە ۋە 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوخشىمىغان مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، نامايىش باشلانغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى قايتىپ كېتىپ ھازىر 13 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قالغان.

بۇخەلچەم ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى يۇرتىغا قايتىپ كېتىشنى ۋە يازلىق تەتىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلغان.

سۈرىيىنىڭ پايتەختى دەمەشىقتىكى «جامىئە ئەبۇنۇر» ئىسىملىك مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ماھىرە ئىسىملىك ئۇيغۇر قىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ قىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ ئوغلى نامايىشتا ئۆلۈپ كەتكەن. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ سىرتقا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. مەكتەپتە دەرس توختاپ كەتكەن، ئۇيغۇر قاتارلىق چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپتىن ياخشى قاراۋاتقانلىقىنى، ئەمما مەكتەپتە ئوقۇش توختاپ كەتكەنلىكىنى بىر قانچە ئۇيغۇر قىزلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭمۇ يۇرتىغا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەتجان ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيىدىكى بىر قىسىم چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا قايتماقتا ئىكەن. سۈرىيىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى، سۈرىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان ئوقۇغۇچىلاردىن قايتىپ كېتىدىغانلار بولسا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، جىددىي ئەھۋالدا ئەلچىخانا بىلەن ئالاقە قىلىشنى ئۇقتۇرغان.