سۈرىيىلىكلەر ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە خىتايغا قارشى نامايىش قىلدى

22-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيىنىڭ خاننوۋېر شەھىرىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋغا قارشى نامايىش بولۇپ ئۆتتى.

0:00 / 0:00

نامايىش مەيدانىغا توپلانغان يۈزدىن ئارتۇق سۈرىيىلىكلەر خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى چۇقان سېلىپ، خىتاينى «زوراۋان ھاكىمىيەتنىڭ شېرىكى» دەپ ئەيىبلىدى.

نامايىش جەريانىدا سۈرىيىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلار دوستلاشتى. ئۇيغۇر نامايىشچىلار سۈرىيىلىكلەرگە ئۆزلىرىنىڭ كىملىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايغا قارشى ئورتاق سەپ ھاسىل قىلدى. ئۇلار ئۆز-ئارا بايراق ئالماشتۇرۇشۇپ، بۇندىن كېيىن ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش، خىتاي ھاكىمىيىتىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەشتى. سۈرىيىلىكلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ سۆھبەت توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى.

wen-jyabaw-germaniye-suriyilikler-385.jpg
خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىگە قارشى سۈرىيىلىكلەرنىڭ نامايىشى. 2012-يىلى 22-ئاپرېل. (RFA/Ekrem)

نامايىشقا ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر، فالۇنگۇڭچىلار، خىتاي دېموكراتلىرى قاتناشقاندىن سىرت، گېرمانىيىدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقانىدى. سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نامايىشى ئالاھىدە دىققەت تارتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاپ سۈرىيىدە تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقى ھەم ب د ت دا سۈرىيىنى جازالاش قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا خىتاينىڭ قارشى تۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئىدى. سۈرىيىلىكلەر نامايىش جەريانىدا چوڭ ياڭراتقۇلارنى ئىشلىتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. خىتاينى قاتىل، ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىدى. خىتاينىڭ قوللىشى بىلەن سۈرىيىدە قان تۆكۈۋاتقان ھاكىمىيەتنى مەسخىرە قىلىدىغان ۋە خىتاينى چۆكتۈرىدىغان لوزۇنكا، رەسىملەرنى نامايىش سېپىنىڭ ئالدىغا تىزدى.

نامايىش مەيدانىدا ئىككى قېتىم سۈركىلىش يۈز بەردى. بۇنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئۆمىكىدىكىلەر ئارىسىدا بولدى. ۋېن جياباۋغا ئەگىشىپ كەلگەن 30 ئەتراپىدىكى خىتاي سانائەت ۋە سىياسەت ساھەسىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئالغان ئاپتوبۇس نامايىشچىلار سېپىنىڭ ئالدىدىلا توختىدى. خىتاي ۋەكىللىرى پەسكە چۈشكەن ھامان ئۇيغۇر نامايىشچىلار «يوقالسۇن كوممۇنىستىك پارتىيە، خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن، خىتايلار يوقال!» دەپ قاتتىق چۇقان سېلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئالدىنى توستى. بەزى نامايىشچىلار خىتاي ۋەكىللىرىگە يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ ھاقارەتلەر قىلدى. خىتاي ۋەكىللىرى بۇ تۇيۇقسىز زەربە ئالدىدا تەمتىرەپ، نېمە دېيىشىنى، نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي قالدى. توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ كېلىشكەن گېرمان ساقچىلىرى خىتاي ۋەكىللىرىنى ئارقىغا قايتۇرۇپ ئاپتوبۇسقا قايتىدىن قاچىلاپ، نامايىشچىلار ئالدىدىن ئېلىپ كەتتى.

ئىككىنچى قېتىملىق توقۇنۇش سۈرىيىلىكلەر بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەردى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 30 ئەتراپىدىكى ئوقۇغۇچى خىتايلار ۋېن جياباۋنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، سۈرىيىلىكلەر ئۇلارنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇققاندىن كېيىن خىتاي ئوقۇغۇچىلار سېپىگە قاراپ غەزەپ بىلەن ئېتىلدى. سۈرىيىلىكلەرنىڭ ھەيۋەت بىلەن بېسىپ كېلىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارقىغا قاراپ قېچىشتى. ساقچىلار سۈرىيىلىكلەرنىڭ ئالدىنى توستى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى مەيداننىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپ، يولنىڭ بىر چېتىگە تۇرغۇزۇپ قويدى.