بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيرۇتتىن بايان قىلىشىچە، خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ياردەمنىڭ راۋان بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ھازىر سۈرىيىدە توقۇنۇشۇۋاتقان قارىمۇ-قارشى تەرەپلەرنى، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى سائەت ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى. سۈرىيە ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۈگۈنگە قەدەر خومس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئاساد قىسىملىرىنىڭ زەمبىرەك ئوقىدا ۋەيران قىلىنغان مەھەللىلەر 30 دىن ئاشتى. بۈگۈن بۇ دائىرىدە سۈرىيە قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئادەم سانى 50 تىن ئاشتى. ھازىر سۈرىيىدە كۆپىنچە شەھەرلەردە توقۇنۇش چىقىۋاتىدۇ.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن باشلىغان تۈركىيە زىيارىتىنىڭ باش تېمىسى تۈركىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىش. خىتاي دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدىلا، خىتاي بۇ قېتىم سۈرىيە مەسىلىسىدە ئەرەب بىرلىكىنىڭ تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن مەسلىھەتلىشىدۇ، بۇ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى تۈركىيە زىيارىتىدە پرېزىدېنت ئابدۇللا گۈل، باش مىنىستىر رەجەپ ئەردوغانلار بىلەن كۆرۈشكەندە سۆزلىشىدىغان باش تېما دەپ جاكارلىغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈنكى باياناتىدا تۈركىيىنى، خەلقئارادا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىچىدە تەسىرى كۈنسېرى چوڭلاۋاتقان دۆلەت، سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا خەلقئاراغا كەينى-كەينىدىن تەشەببۇس ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت، ئۇ، سۈرىيە بىلەنلا ئەمەس، سۈرىيىدە خەلقنى باستۇرۇۋاتقان قىسىملارنى قوللاۋاتقان ئىران بىلەنمۇ چېگرىداش، ھازىر 10 مىڭدىن ئارتۇق سۈرىيە مۇساپىرلىرى تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتىدۇ، بۇنداق بىر رايون خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە بىۋاسىتە رول ئوينايدىغان دۆلەت دەپ تەسۋىرلىدى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، رۇسىيە دائىرىلىرى تۇنىسيىدە 24-فېۋرال كۈنى ئېچىلىدىغان سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئالېكساندىر لۇكاشىۋىچ بۈگۈنكى باياناتىدا، تۇنىسيىدە سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ئاچماقچى بولغان ئەرەب بىرلىكى ۋە ئۆزىنى سۈرىيىنىڭ دوستى دەپ ئاتىۋالغان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى غەرب كۈچلىرى قوللايدىغان دۆلەتلەر، بۇلار ئاچقان يىغىنغا رۇسىيە قاتناشمايدۇ، دەپ جاكارلىدى. لۇكاشىۋىچ بۇ باياناتىدا يەنە، بىخەتەرلىك كېڭىشى ئەمدى سۈرىيىگە ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى باشقۇرۇش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە ئەلچى ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«خىتاي ياشلىرى» تور گېزىتىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيە 2-ئاينىڭ 4-كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئامېرىكا، ياۋروپا، ئەرەب بىرلىكى بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارار لايىھىسىنى ۋىتو قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا، ياۋروپا ھازىر سۈرىيە مەسىلىسىنى «ب د ت قۇرۇلمىسىنىڭ سىرتىدا ھەل قىلىش» چارىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى. تۈركىيىگە قېچىپ كەتكەن سۈرىيە گېنېرالى مۇستافانىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر سۈرىيىدە توقۇنۇش كەسكىنلەشتى، مۇشۇ دائىرىدىكى بىر پۈتۈن رايون مۇقىمسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، ھازىر ئىسلام دۆلەتلىرى ئىچىدە دىنىي مەزھەپ ئۇرۇشى پارتلاش خەۋپى مەۋجۇت.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى ھازىر سۈرىيىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، يېقىندا سۈرىيە دائىرىلىرى تۈركىيىگە قاچقان سۈرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن سۈرىيە تۇتۇۋالغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى ئالماشتۇرۇش ھەققىدە تۈركىيىگە شەرت قويۇۋاتىدۇ. سۈرىيىدە ھازىر يەنە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە قىسىملارمۇ بار. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر ئەۋەتكەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ياللانما قوشۇنمۇ ئىئوردانىيىنىڭ شىمال قىسمىغا توپلىنىشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ مەركىزى تۋ ئىستانسىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىراننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى ھازىر سۈرىيىنىڭ تارتۇس پورتىغا كىردى، ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز رازۋېدچىك ئايروپىلانلىرىمۇ بۇ رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ۋەزىيەتنى كۆزىتىشكە باشلىدى.