سۈرىيە ھاكىمىيىتى بۇ قېتىم ئىشەندۈرەلمەيدۇ

سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئەۋجىگە چىقماقتا. بۇ توقۇنۇشلاردا ھەر قېتىمدىكىگە ئوخشاش ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىلا غالىب كەلمەستىن، بۇ قېتىم ئۆكتىچى كۈچلەرمۇ غەلىبە قىلماقتا.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن 12 نەپەر ھۆكۈمەت ئەسكىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بۇنىڭ مىسالى.

تەھلىلچىلەرگە كۆرە، سۈرىيىدە باشقا بىر مەسىلە باش كۆتۈرمەكتە. ئۇ بولسىمۇ، سۈرىيە ھاكىمىيىتى سۈرىيىگە كەلگەن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزلىرىنى بوياش ئۈچۈن ھەدەپ سۈرىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە پارتلىتىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئارقىدىنلا بۇ پارتلىتىشلارنى ئۆكتىچىلەرنىڭ قىلغانلىقىنى دەۋا قىلىشتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 2-ماي كۈنىدىكى سانىدا «سۈرىيە ھاكىمىيىتى يالغانلىرىغا ئەمدى كىمنى ئىشەندۈرەلەيدۇ؟» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرى سۈرىيىگە كەلگەن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئادەملىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر جايدا پارتلىتىشلارنى ئېلىپ بېرىپ، ئاندىن بۇ پارتلىتىشلارنى ئاتالمىش تېررورچىلار كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئوپ-ئوچۇق يالغان ئېيتماقتا. بۇنداق يالغانلار سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئۇسۇللىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۇلار خەلقى ئالەمنىڭ كۆزى بوياش ئىشىدا 40 يىلدىن بىرى غەلىبە قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھازىرمۇ يەنە غەلىبە قىلىمىز دەپ چوتنى خاتا سوقماقتا. ئەمما، ھازىر ئۇلار خەلقى ئالەمنى ئالدىيالمايدۇ. چۈنكى، سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەر بىرىنچىدىن، بۇنچىلىك كۆپ پارتلىتىش بومبىلىرىغا ئىگە ئەمەس. ئىككىنچىدىن، ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىغا ئەمەل قىلىپ كەلمەكتە. مەسىلە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئادەملىرىدە. ئۇلار تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئۆكتىچىلەرگە گۇناھ ئارتىش مەقسىتى بىلەن بارچە پارتلىتىشلارنى ئۆزلىرى ئېلىپ بارماقتا.»

سۈرىيە ھاكىمىيىتى مۇندىن بۇرۇنمۇ كۆز بويىغان

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي ئويۇنلىرى ئۇزۇن يىللىق تارىخلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. مۇندىن 7 يىل ئىلگىرى سۈرىيە ئارمىيىسى لىۋاننى بويسۇندۇرغاندا، ئۇلار لىۋاننى باشقۇرۇشقىلا كۇپايە قىلماستىن، لىۋاندىكى سۈرىيىگە قارشى شەخسلەرنى بىر-بىرلەپ تازىلاشقا كىرىشكەن. لىۋان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مەرۋان ھەمادنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەنلىكى بۇنىڭ بىر مىسالى. شۇ ۋاقىتتا سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆزىگە قارشى ئىدىيىدىكى زىيالىيلارنىمۇ پۈتۈنلەي قۇرۇتۇپ تاشلاشقا بەل باغلىغان. ئۇلار ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەنلەرنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇپ بىگۇناھ كىشىلەرنى سوتلىغان. ھازىرمۇ سۈرىيە ھاكىمىيىتى شۇ سېنارىيىنى قايتا ئويناۋاتماقتا. ئەمما بۇ سېنارىيىلەرگە ئەمدى ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى سۈرىيە ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى بۇرۇنقىدەك يوشۇرۇپ بولالمىدى.»