سۈرىيىدىكى ۋەزىيەت تۈركىيە-سۈرىيە مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرمەكتە

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلققە قارىتا قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

0:00 / 0:00

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەساد خەلقئارانىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈشىگە قارىماي، سۈرىيىدىكى خەلق ھەرىكەتلىرىنى قانلىق باستۇرۇشنى داۋام قىلماقتا. بەشىر ئەساد ھۆكۈمىتى ئارمىيىسىنىڭ 3-ئايدىن ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇشلىرىدا 1600 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. خەلقئارا جامائەت سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە بىر جازا تەدبىرى يۈرگۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى خەلققە قاراتقان قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتى بىلەن سۈرىيىگە بېرىپ، بەشىر ئەساد بىلەن 6 سائەتلىك بىر ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشەر ئەسادنىڭ خەلقنى ئېغىر ھەربىي قوراللار بىلەن باستۇرۇش ھەرىكىتى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ بىردەك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بەشىر ئەسادنى ئۆز خەلقىنى قوراللىق باستۇرۇشتىن دەرھال ۋاز كېچىشكە چاقىرغان ئىدى. ئەمما سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيىسى سۈرىيىنىڭ ھۇمۇس، دېئىر-ئەززۇر رايونلىرىدىكى قوراللىق باستۇرۇشلىرىنى يەنە داۋام قىلماقتا. ئىنتېرنېتتا تارقالغان كۆرۈنۈشلەردە ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ رايوندىكى خەلققە قارىتىپ قالايمىقان ئوق چىقىرىۋاتقانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى دۈشەنبە كۈنىدىكى قوراللىق باستۇرۇشتا 50 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، بەشەر ئەساد ئۈستىدىكى خەلقئارا بېسىم كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. دۈشەنبە كۈنى ئەرەب بىرلىكى بەشىر ئەسادتىن قوراللىق ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ بايانات ئېلان قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان، كۈۋەيت ۋە بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيىدىكى ئەلچىلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكەتكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ئەل-ئەرەبىيە تېلېۋىزىيىسىدە بەرگەن نۇتقىدا سۈرىيىدىكى بۇ زۇلۇمنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بەشىر ئەسادنى دەرھال خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان. ئەرەب ئەللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك پوزىتسىيسىى ئامېرىكىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تونېر دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا ئەرەب بىرلىكىنىڭ بۇ كەسكىن پوزىتسىيىنىڭ بەشىر ئەساد ئۈستىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن جاسارەتلەندۈرگۈچ رولىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوراللىق ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. سۈرىيە بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە بولغان تۈركىيە مارت ئېيىدىن باشلاپ سۈرىيىدىن قېچىۋاتقان خەلققە باشپاناھلىق قىلىۋاتقان ئىدى. سۈرىيىنىڭ مۇقىملىقى تۈركىيە ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئالدىنقى ھەپتە بەشىر ئەسادغا قىلغان چاقىرىقىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ «سەۋر قاچىمىز توشاي دەپ قالدى» دېگەن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى بەشىر ئەسادنى ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن سۈرىيىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇتئوغلىنىڭ سۈرىيىگە بارىدىغانلىقى خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىللارىي كىلىنتون ئەخمەت داۋۇتئوغلىغا تېلېفون قىلىپ، تۈركىيىنىڭ سۈرىيىگە خەلقئارانىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئويناپ، بەشىر ئەسادنىڭ ئەسكەرلىرىنى دەرھال چېكىندۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كىلىنتون يەنە، ئامېرىكىنىڭ قولىدا قورال بولمىغان خەلقنى باستۇرۇشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقى ۋە سۈرىيە ئۈستىدىكى بېسىمنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بەشىر ئەسادقا يەتكۈزۈپ قويۇشنى سورىغان.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەد داۋۇتئوغلى ۋە سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشىر ئەساد ئارىسىدىكى بۇ مۇھىم ئۇچرىشىش سەيشەنبە كۈنى سۈرىيىدە ئېلىپ بېرىلدى. 6 سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىشتا تۈركىيىنىڭ سۈرىيىگە ئوچۇق ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلى ئۇچرىشىشتىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، رامزان ئېيى مەزگىلىدە سۈرىيە ئارمىيىسىنىڭ خەلقنى قوراللىق باستۇرۇشنى توختاتماسلىقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىگە ئوخشاش تۈركىيىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلغانلىقىنى، شۇڭا رامزان ئېيىنىڭ روھىغا ئاساسەن، سۈرىيىدە تىنچلىقنى بەرپا قىلىپ، قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كېرەكلىك تەلەپلەرنى ئوچۇق ۋە كەسكىن بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەخمەت داۋۇتئوغلى سۆزىدە يەنە، بۇندىن كېيىن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قەدەم ئاتىدىغانلىقى ھەم تۈركىيە ئۈچۈن، ھەم سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما داۋۇتئوغلى ئۇچرىشىشتا دېيىلگەنلەر ھەققىدە ئېنىق يىپ ئۇچى بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ئەھمەت داۋاتئوغلى تۈركىيىنىڭ قاتتىق پوزىيتسىيىنى ئېنىق بىلدۈردى، دەپ قارىماقتا.

چۈنكى ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۇزىرىپ كېتىشى تۈركىيىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، سۈرىيىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن قېچىپ تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتقانلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسى تۈركىيىگە باش ئاغرىقى بولىدىكەن شۇنداقلا بۇ ھەم تۈركىيىنىڭ پ ك ك تېررور تەشكىلاتى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىگىمۇ پۇتلىكاشاڭ بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى باشقا دۆلەتلەردىن ئۇزاقلىشىپ، ئىران بىلەن يېقىنلىشىپ كېتىشىمۇ تۈركىيىنى بىئارام قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەگەر بەشىر ئەساد يەنە بىلگىنىنى قىلىشنى داۋام قىلسا، يۇقىرىدىكى ئامىللار ھەممىسى تۈركىيىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان تەشكىل قىلىدىكەن.

شۇڭا كۆزەتكۈچىلەر بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا، تۈركىيىنىڭ بەشىر ئەساد ھۆكۈمىتىنى نىشان قىلغان بىر قاتار دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان گاردىيان گېزىتى ھەتتا تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ سۈرىيىنىڭ شىمالىدا تىنچلىقنى ساقلاش رايونى قۇرۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكتە.