ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئەرەب بىرلىكىگە ئەزا 22 دۆلەت 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قاتاردا يىغىن ئېچىپ، سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، سۈرىيە، لېۋان، يەمەندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك ئاۋاز بېرىش بىلەن، سۈرىيىنىڭ ئەرەب بىرلىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارار قىلىنغان ئىدى. بۇ قاراردا يەنە ئەرەب بىرلىكى سۈرىيىگە جازا قوللىنىش، ئەرەب بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر سۈرىيىدىن ئەلچىخانىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىمۇ تەكىتلەنگەن ئىدى.
تۈنۈگۈن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ئەرەب بىرلىكىنىڭ قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلىكىنىڭ قارارى خەتەرلىك قارار، ئەرەب بىرلىكى ھازىر غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەندىن كېيىنلا، ئەرەب بىرلىكى يىغىنىنىڭ قارارى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز بەرگەن سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دەمەشىقتە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. تۈركىيىنىڭ ۋە فرانسىيىنىڭ ئەلچىخانىلىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.
بۈگۈن ئىئوردانىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر سۈرىيىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. سۈرىيە پرېزىدېنتىنىڭ خەلقنى قىرغىن قىلىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا بۈگۈنكى باياناتىدا، سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد دەرھال تەختتىن چۈشۈشى كېرەك، دەپ جاكارلىدى. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈنكى باياناتىدا، ئوتتۇرا شەرقتە خەلق بىلەن تىنچ ئۆتمىگەن ھەر قانداق ئەمەلدار ئەمدى تەختتىن چۈشمەي مۇمكىن ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. سەئۇدى ئەرەبىستانى، قاتار قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ سۈرىيىدىكى ئەلچىخانىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى بۈگۈن، سۈرىيە پرېزىدېنتى بەشر ئەل ئاسادنىڭ سەككىز ئايدىن بۇيان نامايىش قىلغان خەلقنى باستۇرۇپ ئۈچ مىڭ بەش يۈز ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ بولغانلىقى ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى- ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى، ۋاقتى ۋە ئورنىدىن ئىبارەت پاكىتلىرىنى ئاشكارىلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بريۇسسېلدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى باش قوشقان يىغىندا، ئەرەب بىرلىكىدىكى 18 دۆلەتنىڭ سۈرىيىنى جازالاش قارارىغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى، ئەمدى سۈرىيىنى جازالاش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، بۇ جازالاش تەدبىرلىرى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مۈلكىنى ۋە تىجارىتىنى توڭلىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى، بۇنىڭ كونكرېت ماددىلىرى ئىككى كۈندىن كېيىن رەسمىي ھۆججەت ئارقىلىق جاكارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا بىرلىكىنىڭ، ئەرەب بىرلىكىنىڭ ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بۈگۈن سۈرىيە توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتلىرى، رۇسىيە بىلەن خىتاينى تەڭلىتە قالدۇردى. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىن بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ئايدا ب د ت دا ئوتتۇرىغا سۈرىيىنى جازالاش ھەققىدە قارار ئېلىنغاندا رەت قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەن رۇسىيە بۈگۈن يەنىلا ئۆز پىكرىدىن يانمىغان. فېدېرال ھەربىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئورنى مەسئۇلى جېركالىن، سۈرىيە ۋەزىيىتىدە ھەر قانداق ئۆزگىرىش يۈز بەرسىمۇ، ئەمما رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن بىر نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىش كېلىشىمى تەسىر گە ئۇچرىمايدۇ، دەپ جاكارلىغان.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تېز خەۋەرلىرىدە، ياۋروپا بىرلىكىدىكى 27 دۆلەت ۋەكىللىرى بۈگۈن سۈرىيىنى جازالاش مەسىلىسىدە، ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنىڭ مەبلىغىنى سۈرىيىگە ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى، بۇ، ياۋروپا بىرلىكى قارار چىقىرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى دەپ بايان قىلغانلىقىدىن قارىغاندا، خىتاي ھازىر ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۈرىيىگە قاراتقان يېڭى جازالاش تەدبىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا.