سۈرىيە بىلەن يەمەندە تارىختا كۆرۈلمىگەن قەتلىئام داۋام قىلماقتا

سۈرىيە ۋە يەمەن ھاكىمىيەتلىرىنىڭ نامايىشچى خەلققە قاراتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

يەمەندە ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىن بۈگۈنگە قەدەر يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچى سانى 200 دىن ئاشقان. سۈرىيىدە ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن نامايىشچى سانى 260 قا يەتكەن. ھەر ئىككى دۆلەتتە ئۆلتۈرۈش ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ قىيناش سىياسىتى داۋام قىلماقتا. ئەمما نامايىشچىلارنى غايىسىدىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ چارىلەر ئەكسىچە نامايىشچىلارنىڭ سانىنى ۋە كۈچىنى ئاشۇرۇپ بارماقتا ئىكەن.

سانئا شەھىرى ئىس-تۈتەكلەر ئارىسىدا قالماقتا

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 2-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، يەمەن ساقچىلىرىنىڭ سەنئا ۋە تەئىز شەھەرلىرىدە نامايىشچى خەلقنى رەسمىي تۈردە قەتلىئام قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. يەمەندە ئېلى ئابدۇللا سالىھنى قوغدىغۇچىلار نامايىشچى خەلقنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇنلاشقان جايلىرىنى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، راكېتالار ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن بومباردىمان قىلماقتا ئىكەن. يەمەن ھاكىمىيىتىگە قارشى قەبىلىلەر زىچ جايلاشقان خەمر شەھىرىنى بومباردىمان قىلىش ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا ئىكەن. يەمەن پايتەختى سانئا شەھىرىگە چەت رايوندىكىلەرنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنغان بولۇپ، سانئا شەھىرىنىڭ ھەر تەرىپىنى ئىس-تۈتەكلەر قاپلىۋالغان. بۇ سەۋەبتىن سانئا ئايرودرومىغا ئايروپىلان چۈشۈش ئىشلىرى توختىتىلغان. سانئادىكى «سۇھەيل» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مەركىزى يەمەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈپ تاشلانغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېلى ئابدۇللا سالىھنى ئاگاھلاندۇرغان، ئۇنىڭ ئوت بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقنى قوراللىق باستۇرۇشنى توختىتىش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

يەمەندىكى نامايىشچىلار ۋەكىلى ئابدۇراھمان ئەرزەق 2011-يىلى 2-ئىيۇن پەيشەنبە كۈنى قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «يەمەن رەئىسى ئېلى ئابدۇللا سالىھ يەمەن ئارمىيىسىنى، ساقچىلىرىنى ۋە باشقا يانداشلىرىنى ئىشقا سېلىپ سانئا ۋە تەئىز شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلىپ، شەھەر ئىچىنى ئىس-تۈتەككە كۆمۈۋەتتى. يەمەن رەئىسى تۈگەشتى. ئەمما ئۇنىڭغا تەن بەرمەي بار كۈچى بىلەن جان تالاشماقتا.»

سۈرىيىدە قەتلىئام ۋە ئانتالىيىدە سۈرىيىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە چوڭ يىغىن

خەۋەرلەرگە كۆرە، سۈرىيىدە قەتلىئام داۋام قىلماقتا. سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرى نامايىشچىلارغا قارشى رەسمىي ئوق چىقىرىپ، ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا. ئەمما نامايىش دولقۇنى كۈندىن-كۈنگە ئۇلغىيىپ، سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىدە ئومۇملاشماقتا ئىكەن. تۈنۈگۈن بىر كۈن ئىچىدە دەرئا شەھىرىدە ئۆلگەن نامايىشچىلار سانى 50 تىن ئاشقان.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇھلار تۈركىيىنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە بىر قانچە كۈندىن بىرى «سۈرىيىنىڭ كېلەچىكى» دېگەن ماۋزۇدا چوڭ يىغىن چاقىرغان بولۇپ، يىغىن بۈگۈن ئاخىرلاشتى. يىغىنغا ھازىرقى بەششار ئەل ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى گۇرۇھلاردىن 350 كىشى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلار سۈرىيىنىڭ مۇندىن كېيىنكى كېلەچىكى قانداق بولىدۇ دېگەن ماۋزۇدا باش قاتۇردى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ھەر خىل جامائەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئادەملىرى بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇ بىر خىل بولمىدى.

2011-يىلى2-ئىيۇن كۈنى ئانتالىيىدىن «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بايانات بەرگەن ئۆمەر خەشرە باياناتىدا مۇنداق دېدى:«يىغىن بۈگۈن ئاخىرلاشتى. يىغىندا ھەر قايسى تەشكىلاتلارنىڭ ئورتاقلىشىپ بىرلىككە كەلگەن پىكرى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ ئەمدى ئىشقا يارىمايدىغانلىقى، سۈرىيىدە يېڭىدىن دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكى بولدى. ئەمما سۈرىيىنى تۈركىيىگە ئوخشاش ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن بىر دۆلەت قىلىپ چىقىش مەسىلىسىگە كەلگەندە، سۈرىيىلىك «مۇسۇلمان قېرىنداشلار» تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيىدە ياشايدىغان كۇردلار قارشى چىقتى. كۇردلارنىڭمۇ تەلىپى چەتكە قېقىلمايدۇ. چۈنكى سۈرىيىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا «سۈرىيە ئەرەب ۋە كۇرد مىللەتلىرىدىن قۇرۇلغان بىر دۆلەتتۇر» دەپ قەيت قىلىنغان. شۇڭا كۇردلارنىڭ سۈرىيىدىكى ئاۋازى تۆۋەن ئەمەس. يىغىن ئاخىرلىشىش ئەسناسىدا، سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنى قوللايدىغانلار يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى.
ئەمما تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇلارنى تارقىتىۋەتتى. يىغىندا ئېلىنغان قارارلار كېيىنكى كۈنلەردە ئېلان قىلىنىدۇ.»