سۈرىيىدە زەمبىرەككە تايىنىپ ئۆتكۈزۈلگەن رېفىراندوم ۋە غەربنىڭ سۈرىيىنى جازالاش چارىسى

سۈرىيە ھۆكۈمىتى خەلقنى زەمبىرەك ئوقىغا تۇتۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىشنى يولغا قويدى. ياۋروپا بىرلىكى سۈرىيىنى جازالاش چارىلىرىنى ئېلان قىلدى.

0:00 / 0:00

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، سۈرىيىدە پرېزىدېنت بەشار ئەل ئەسەدنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان خەلقنى زەمبىرەك ئوقىغا تۇتۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، 26‏-فېۋرال كۈنى يېڭى ئاساسىي قانۇن توغرىسىدا رېفىراندوم (ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىش) ئۆتكۈزۈلدى. كونا سۈرىيە ئاساسىي قانۇنىدىكى خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، توپلىنىش-نامايىش قىلىش ئەركىنلىكى ۋە قېيىن-قىستاققا قارشى تۇرۇش ئەركىنلىكى دېگەن بەلگىلىمىلەرنىڭ ھېچقايسىغا ھۆرمەت قىلمىغان ئەسەد ھۆكۈمىتى، ئاساسىي قانۇن بويىچە 3‏-ئايدا كۆپ پارتىيە قاتناشقا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈش كېرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش دېگەن نام بىلەن يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىلەپ چىققان. بۇ يېڭى قانۇندا گەرچە سۈرىيە خەلقىگە ئېغىر زۇلۇم پەيدا قىلغان كونا ئاساسىي قانۇندىكى «ئەرەبنى گۈللەندۈرۈش سوتسىيال پارتىيىسى سۈرىيىدە دۆلەتنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ رەھبىرى» دېگەن ماددا ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىدە، 2014‏-يىلى ۋەزىپە مۇددىتى توشىدىغان بەشار ئەسەد ئۈچۈن داۋاملىق ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرۇش شارائىتى يارىتىش مەقسىتىدە، پرېزىدېنتنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى 7 يىل بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، بەشار ئەسەد 2028‏-يىلىغىچە ھاكىمىيەت ئۈستىدە تۇرالىشى مۇمكىن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، سۈرىيىدە رېفىراندوم (يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئومۇم خەلق ئاۋاز بېرىش) ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ئاچلىق ئېلان قىلغان خەلقتىن بەشار ئەسەدنىڭ ھەربىي قىسىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم سانى 80 دىن ئاشتى. تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ تۈنۈگۈن سۈرىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ رېفىراندومنى، بەشار ئەسەد سۈرىيە خەلقىنى داۋاملىق باستۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىغان يېڭى نەيرەڭ دەپ كۆرسەتتى.

«رويترس ئاگېنتلىقى»نىڭ بايان قىلىشىچە، 27‏-فېۋرال كۈنى، ياۋروپا بىرلىكى زەمبىرەككە تايىنىپ رېفىراندوم ئۆتكۈزۈۋاتقان سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش چارىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ چارىلەر سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىش، ساياھەت قىلىشنى چەكلەش، قورال ئىمبارگوسى قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ سۈرىيىگە قوللىنىدىغان بۇ جازا تەدبىرلىرىدە، بەشار ئەل ئەسەدلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئۇكىسى-سۈرىيە جۇمھۇرىيەت قوغدىغۇچىسى دەپ ئاتىلىدىغان ھەربىي قىسىمنىڭ قوماندانى ماھىر ئەسەد، سۈرىيە ھەربىي ئاخبارات باشلىقى ئابدۇلفەتتا قۇدسىيلارمۇ مۈلكىنى توڭلىتىش، ساياھەت قىلىشىنى چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئىراننىڭ ئىنقىلابى قوغدىغۇچى دەپ ئاتالغان ھەربىي قىسىملىرى بىلەن سۈرىيىدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەۋاتقان قاسىم سۇلايمان قاتارلىقلارنىڭ يەر-زېمىن شىركىتى، ئەل مەشرۇق ناملىق مەبلەغ سېلىش شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر، شۇنداقلا سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ھەرىكەتچان تېلېفون، ت ۋ سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەۋاتقان شىركەتلەرگە مەبلەغ سېلىۋاتقان شىركەتلەرمۇ، مۈلكى توڭلىتىلىدىغان شىركەتلەر تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ سۈرىيىنىڭ ئاخبارات سىستېمىسىغا جازا قوللىنىپ، ئۇنى پالەچ قىلىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە بولسا سۈرىيىنىڭ مەركىزى بانكىسىنىڭ ۋە بەشار ئەسەدنىڭ مۈلكىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى، سۈرىيىگە قورال يۆتكەيدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋسترالىيىمۇ سۈرىيە رەھبەرلىرىدىن 75 كىشىگە ساياھەت چەكلىمىسى ۋە 13 چوڭ شىركەتكە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنت نامزاتى پۇتىن بۈگۈن غەرب دۆلەتلىرى سۈرىيىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمىسۇن دەپ ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان. خىتايمۇ ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھېللارىي كىلىنتوننىڭ، خىتاي بىلەن رۇسىيە بىرلىشىپ ب د ت نىڭ سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قارارىنى ۋىتو قىلغانلىقى ئەرەب خەلقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە قارشى تۇرغانلىق، ئەرەب ئەللىرىدە «ئەرەب باھارى»دا پەيدا بولۇۋاتقان چوڭ ئويغىنىشقا قارشى تۇرغانلىق، دېگەن تەنقىدىنى، بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئەرەب خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئەڭ قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق دەپ جاكارلىدى.