سۈرىيىدىن قاچقانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى

سۈرىيىدە نامايىش باشلىنىپ ئاخىرقى مەزگىللەردە سۈرىيە ئارمىيىسى ۋە ساقچىلىرىنىڭ قانلىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مىڭلارچە سۈرىيىلىكلەر تۈركىيە چېگراسى ئىچىگە پاناھلانغان ئىدى.

0:00 / 0:00

ئەمدى لىۋان تەرەپتە پاناھلىنىش ئۈچۈن لىۋان چېگراسى ئەتراپىغا قېچىپ بارغان سۈرىيىلىكلەرنىڭ سانى كۆپەيمەكتە. يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيە ئارمىيىسى تۈركىيە ۋە لىۋان چېگراسى ئەتراپىغىچە يېقىنلىشىپ بېرىپ، سۈرىيىدىن قاچقانلارنى بومبىلىماقتا ئىكەن.

لىۋاندا پاناھلانماقچى بولغان سۈرىيىلىكلەرنىڭ تەقدىرى

لوندوندا چىقىدىغان «ئوتتۇرا شەرق» گېزىتىنىڭ 2011-يىلى27- ئىيۇن كۈنىدىكى سانىدا،«سۈرىيە ئارمىيىسى لىۋان چېگراسىغىچە بېرىپ يەتمەكتە»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:« سۈرىيە ئارمىيىسى تېررورىستلارنى قوغلايمىز دېگەن باھانە بىلەن لىۋان چېگراسىغا يېقىن يېزىلارغىچە يېتىپ بارغان. سۈرىيە ئارمىيىسى لىۋان-سۈرىيە چېگراسىدىكى «قەسىر» دېگەن رايونغا بېسىپ كىرىپ رايوننى بومباردىمان قىلغان. سۈرىيىلىك نامايىشچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېنىنى قوغداش ئۈچۈن لىۋان چېگراسى بويىغا قاچقان سۈرىيىلىكلەر قورقۇنچىدىن باشقا ياقلارغا قېچىشقا مەجبۇر بولغان.
لوندوندا تۇرۇشلۇق سۈرىيىلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رامى ئابدۇراھماننىڭ ئېيتىشىچە، سۈرىيە ئارمىيىسى سۈرىيىنىڭ لىۋان چېگراسىدىكى «قەسىر»رايونىغا بېسىپ كىرگەن. رايوندىكى سۈرىيىلىكلەردىن كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلاردىن بىر گۇرۇپپا كىشى تۈنۈگۈن كېچە لىۋان تەرەپكە قېچىپ كىرىۋالغان.
سۈرىيىلىكلەرنىڭ بىر بۆلىكى تۈركىيە تەرەپكە قاچقان. ھازىرغىچە تۈركىيە چېگراسىدىن كىرىپ بولغان سۈرىيىلىكلەرنىڭ سانى 12 مىڭغا يەتكەن. لىۋاننىڭ شىمالىدىكى ئوكار دېگەن جايدا پاناھلانغان سۈرىيىلىكلەر سۈرىيە ئارمىيىسىدىن قورقۇپ، رايوندىكى چېركارغا كىرىۋالغان.»

سۈرىيىدە باستۇرۇش داۋام قىلماقتا

قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 2011-يىلى 27-ئىيۇن كۈنىدىكى خەۋىرىگە كۆرە، تۈنۈگۈن سۈرىيىنىڭ دەمەشىق يېقىنىدىكى كىسۋە دېگەن جايدا سۈرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىلىپ ئۆلگەنلەرنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنى سۈرىيە ئارمىيىسى ئوققا تۇتقان بولۇپ، بىر قانچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

رامى ئابدۇراھمان «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا لوندوندىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «سۈرىيىدە نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرۈش داۋام قىلماقتا.
خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قىلچە ئىشەنچى قالمىدى. 25-ئىيۇن شەنبە كۈنى سۈرىيىنىڭ ھەمس دېگەن يېرىدە نامايىشچىلاردىن 4 كىشى سۈرىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە كىسۋە دېگەن جايدا جىنازا مۇراسىمىغا قاتناشقانلاردىن بىر قانچە كىشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. سۈرىيە رەئىسى بىر تەرەپتىن خەلققە چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ تۇرۇپ، ھەتتا نامايىشچىلارنى كەچۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۇتقۇن قىلىپ تۇرماقتا.»