سۈرىيىدە باستۇرۇش داۋام قىلماقتا

ئەسەد ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارنى باستۇرۇشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنمۇ، سۈرىيىدىكى باستۇرۇشلار داۋام قىلماقتا.

0:00 / 0:00

سۈرىيىدىكى ئەسەد ھاكىمىيىتى نامايىشچىلارغا قارشى باستۇرۇشنى توختىتىش، شەھەرلەرنى بومباردىمان قىلىشقا خاتىمە بېرىش ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى شەھەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرىلىق بەرگەن سۆزىگە ۋە تۈزگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان ئەمەس. ھازىرمۇ نامايىشچىلارنى باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل نەدۋە» گېزىتىنىڭ 2012-يىلى 24-ئاپرېل سانىدا «سۈرىيىدە يېڭىلىق يوق» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەييارلانغان دوكلاتتا، سۈرىيە ھاكىمىيىتى باستۇرۇشنى توختىتىش ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى شەھەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش توغرىلىق بەرگەن ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە سۈرىيىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك ئادەم ئۆلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇ دېگەنلىك سۈرىيە رەئىسى بەششار ئەل ئەسەدنىڭ سىياسىي ئويۇنىغا ۋە خەلقى ئالەمنى ئالداشنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەسمىي ستاتىستىكىلار سۈرىيىدە ئۆتكەن 13ئايدىن بىرى 900 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. سۈرىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى تۈنۈگۈننىڭ ئۆزىدە 20 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئەھۋالدا سۈرىيىگە خەلقئارا دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە موھتاجدەك تۇرىدۇ. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 14 قېتىملىق ماددىي جازاسى سۈرىيىگە تەسىر قىلمىغان.»

سۈرىيىگە 300 كىشىلىك كۆزەتچىلەر ھەيئىتى ئەۋەتىش

ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان:
«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئالغان قارارىدا سۈرىيىگە 300 كىشىلىك كۆزەتچىلەر ھەيئىتى ئەۋەتىش بەلگىلەنگەن بولۇپ، كۆزەتچىلەر قورالسىز ھالدا بارىدۇ ۋە قورالسىز يۈرۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. ئەمما سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ سۆزىدە تۇرۇشى ۋە كۆزەتچىلەرنىڭ ئىشلىرىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كۈتۈلىدىكەن. سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەلىد مۇئەللىمى كۇفى ئاننانغا يازغا خېتىدە سۈرىيىدە نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش ئىشلىرى تۈگىدى دەپ يازغان بولسىمۇ، يەنىلا باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقى سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئۇلارنىڭ بۇ يالغانلىرى بىلەن خەلقى ئالەمنى ئىشەندۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.»