خىتايدا زەھەر سۈت 'ۋەتەنپەرۋەر' لەرنىڭ چۈشىنى بۇزۇۋەتتى

خىتايدا بازارلاردا سېتىلىۋاتقان 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكىدا زەھەرلىك مېلامىن ماددىسى بارلىقى ئاشكارىلانغاندىن، دۇنيادا خىتاي يېمەكلىرىنى بازاردىن چېكىندۈرۈۋاتقان دۆلەتلەر كۆپەيدى. خىتايدا بولسا دۇكانلارغا بېرىپ مال قايتۇرىدىغان خېرىدارلارنىڭ ۋە دوختۇرخانىلارغا بېرىپ بالىلىرىنى تەكشۈرتىدىغان ئاتا - ئانىلارنىڭ سېپى ئۇلغايدى.

0:00 / 0:00

خىتاي خەلقى 'ئىككى جۇڭگو' نى كۆردى

رادىئومىز مۇخبىرى خې پىڭنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان زەھەر يېمەكلىك كرىزىسى ئارقىلىق، خىتاي پۇقرالىرى ئۆزلىرى تەمىنلىنىۋاتقان يېمەكلىك بىلەن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى تەمىنلىنىۋاتقان يېمەكلىكنىڭ بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىنتايىن چوڭ پەرق بارلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتايدا 'خەلقنىڭ جۇڭگوسى' بىلەن 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جۇڭگوسى'دىن ئىبارەت 'ئىككى جۇڭگو' بارلىقىنى كۆرگەن بولسا، كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خىتاي خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

خىتاي بالىلىرىغا زەھەر يېمەكلىك بەرگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى خىتاي خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى نېمە دەپ باستۇرىدۇ؟

كۆزىتىش ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان 'زەھەر سۈت ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ چۈشىنى بۇزۇۋەتتى' سەرلەۋھىلىك ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇنىڭدىن يېرىم يىل بۇرۇنلا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان داڭلىق 'سەنلۇ'، 'يىلى'، 'مېڭنيۇ' قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن يېمەكلىكلەردە مەسىلە بارلىقى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت 'ئولىمپىك بىرىنچى' دەپ سەتچىلىكنى يوشۇرغان ئىدى. ھازىر بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ زەھەر مەھسۇلات ئىكەنلىكى ھامان دۇنياغا ئايان بولدى.

- تېبەت خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى 'جۇڭگوغا قارشى تۇردى'، 'بۆلگۈنچىلىك' دەپ باستۇردى، ‏ - ‏ دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ بۇ ئوبزوردا، - ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنى بولسا 'تېررورچىلىق' دەپ باستۇردى. 'كارىفور' دۇكانلىرى خىتايدا بازار تېپىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن 'ۋەتەنپەرۋەرلىك' شۇئارى بىلەن فرانسىيە ماللىرىنى بايقۇت قىلدى. ئەمدى خىتاي بالىلىرىنى زەھەر قېتىلغان يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى نېمە دەپ باستۇرىدۇ؟

'زەھەرسىز يېمەك بولمىغان زىياپەت يوق جۇڭگو'

'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان 'خەلقتە خىتايدىكى ئۈچ ئالاھىدىلىككە قارشى قوزغالغان ئورتاق نەپرەت' سەرلەۋھىلىك يەنە بىر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن دېڭ شاۋپىڭ ماركىلىق 'تەرەققىيات نەزىرىيىسى' نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان زەھەرلىك ماددا بار 'يوغان باش بالا' ماركىلىق قونچاقلار، زەھەر جۇۋاۋا، زەھەر گۈرۈچ، زەھەر تورت، زەھەر گازىر، زەھەر دۇفۇ، زەھەر كۆكتات، زەھەر تۇخۇم، د د ۋ قېزا، سانائەت ئىسپىرىتى قېتىلغان ھاراقلار بازارنى قاپلىغان ئىدى. ھازىر خەلق بۇ 'زەھەرسىز يېمەك بولمىغان زىياپەت يوق جۇڭگو'دا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغان ھالغا كەلدى.

بۇ 'خىتايچە' دېيىلگەن ئالاھىدىلىكنىڭ بىرى. خەلقتە ھازىر پەقەت سۆزلەش ئەركىنلىكى ۋە ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ئۈستەللا كام.

'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن شۇ

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، 'خىتايچە' دېيىلگەن ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئالاھىدىلىك ئەمەلدارلاردىكى ئىمتىياز ۋە ئالاھىدە تەمىنات. خىتايدا ئىمتىياز ئىگىلىرى بولۇپ ئۆتكەن ماۋزېدوڭ بىلەن دېڭ شاۋپىڭنىڭ ئالاھىدە تاماكا چېكىدىغانلىقى، ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان يەنە ئالاھىدە سەنئەت ئۆمەكلىرىمۇ بارلىقى ھەممە كىشىگە ئايان. ھازىرقى كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىمۇ ئۆز دەرىجىسى بۇيىچە شۇنداق ئىمتىياز ۋە ئالاھىدە تەمىناتقا ئىگە. ئۇلار 'سەنلۇ' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى بىلەن ئەمەس، بەلكى 'سەنيۇەن' ماركىلىق سۈت پاراشۇكى بىلەن تەمىنلىنىدۇ، 'بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم' دېگەن شۇ.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق قىلىشنى چوڭ ئاكىسى ستالىندىن ئۆگەنگەن

بۇ ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە يەنە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنداق قىلىشنى چوڭ ئاكىسى ستالىندىن ئۆگەنگەن. ستالىن 1935 ‏ - يىللىرى ئۆزىنىڭ بولشىۋېكلىرىنى دەرىجىسى بۇيىچە ئالاھىدە تۇرالغۇلاردا ئولتۇرىدىغان، ئالاھىدە داۋالىنىدىغان، ئالاھىدە مائارىپ تەربىيىسى كۆرىدىغان، دۆلەت پۇلىنى خەجلەپ چەتئەللەردە ساياھەت قىلىدىغان ئىمتىيازلارغا ئىگە قىلغان. شۇنداقلا يەنە، بولشېۋىكلارغا غالچىلىق قىلىدىغان ماكسىم گوركىدەك ئەدىپلەرنىمۇ بېقىۋېلىپ ئالاھىدە تەمىناتقا ئىگە قىلغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىرمۇ شۇندا قىلىۋاتىدۇ.

خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋالىنىش راسخوتى دەپ چۈشۈرگەن پۇلنىڭ %80 دىن سەككىز مىليون 500 مىڭ كادىر پايدىلىنىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرىدا 2 مىليون كادىر 'كېسەل' دېگەن نام بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئارامدا. 400 مىڭ كادىر يىل بۇيى دوختۇرخانىلاردا كېسەل كارۋاتلىرىنى، مېھمانخانىلارنى، ھەشەمەتلىك ئارامگاھلارنى ئىگىلەپ ياتىدۇ. 'ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىمەن' دەۋالغان بۇ كىشىلەر خەلقنى بولسا 'لېي فېڭدىن ئۆگىنىش'كە، 'جاپاغا چىداپ كۆرەش قىلىش'قا، 'ھاياتىنى ۋەتەنگە تەقدىم قىلىش'قا چاقىرىپ تۇرىدۇ.

خەلق ئۆزلىرى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا

كانادادا چىقىدىغان 'يۇلتۇز گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئۆزىنى دۇنياغا كۆز - كۆز قىلىش قىلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ پۇلىنى سەرپ قىلىپ ھەشەمەتلىك ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن، ھازىر يەنە ئالەم بوشلۇقىغا ئادەم چىقارغان ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى، مۇشۇ ۋاقىتتا يەنە، ئۆزىنىڭ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى تەمىنلەيدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلمىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كارى بولمىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنى چۈشەنگەن خەلق ئەمدى جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلماقتا.